باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
قاراتاش دېھقانلىرى قوغۇن تېرىپ مو بېشى كىرىمىنى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشۇردى
2008- 07- 25 17:34 شىنجاڭ گېزىتى

     چىلگە قوغۇن تىلغا ئېلىنسا،  توقسۇ ناھىيىسى ئىچئېرىق يېزىسىنىڭ قاراتاش كەنتى ئېسىمىزگە كېلىدۇ. يېقىندا بىز بۇ كەنتكە قەدەم بېسىپلا،  مەززىلىك چىلگە قوغۇن پۇرىقىدىن مەست بولدۇق. ھازىر دەل قوغۇن پىشىپ بازارغا كىرىدىغان پەيت بولغاچقا، كەنتتىكىلەر قوغۇنلۇققا كەلگەن خېرىدارلارغا ئالدىراش قوغۇن ئۈزۈپ بېرىۋاتاتتى.

    قاھار ئوسمان بۇ كەنتتىكى ئەڭ بۇرۇن چىلگە قوغۇن تېرىغان دېھقان. بىز ئۇنى پارنىكىدىكى قوغۇن مايسىلىرىنى سۇغىرىۋاتقان يېرىدىن تاپتۇق. ئۇنىڭدىن قوغۇن تېرىپ قانچىلىك پايدا ئالغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا: قوغۇن تېرىۋاتقىنىمغا سەككىز يىل بولدى، ئىلگىرى ئوچۇقچىلىققا تېرىيتتىم، بۇ يىل پارنىكقا 1.2 مو قوغۇن تېرىغانىدىم، 5 – ئاي كىرگەندىن بۇيان ھەر كىلوگرامىنى بەش  –  ئالتە يۈەندىن ساتتىم، ھازىر يەنە يېڭى بىر سورتنى سىناپ تېرىدىم، بۇ قوغۇن مايسىلىرىنى كۈزدە پارنىكقا كۆچۈرگىلى بولىدۇ، دېدى.

    ئىگىلىشىمىزچە، ھازىر قاراتاش كەنتىدىكى قوغۇنلۇقنىڭ كۆلىمى 500 موغا يېتىدىكەن، ھەر مو يەردىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلغىلى بولىدىكەن. ئۇنىڭ كىرىمى كۆكتات تېرىغانغا قارىغاندا ئىككى – ئۈچ ھەسسە يۇقىرى ئىكەن. بۇنداق يۇقىرى كىرىم دېھقانلارنىڭ قوغۇن تېرىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپتۇ. 2005 – يىلىدىن باشلاپ، كەنتتىكىلەر كەڭ كۆلەمدە لاپاسقا قوغۇن تېرىشقا باشلاپتۇ. ھازىر كەنتتىكى 262 ئائىلىنىڭ ھەر بىرىگە بىر مودىن قۇياش نۇرى پارنىكى ۋە جاھازىلىق پارنىك توغرا كېلىدىكەن. ئەقىللىق قاراتاش كەنتىدىكىلەر يەنە بازارغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، باي بولۇش يولىنى ئىشلەپچىقىرىشتىن سېتىشقىچە كېڭەيتىپتۇ. ئۇلار ئېتىز بېشىدا قوغۇن سېتىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، توقسۇ ناھىيىسىدىكى ئەڭ چوڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى سودا بازىرىدىمۇ قوغۇن ساتىدىكەن، بۇ بازاردا قوغۇن ساتىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى قاراتاش كەنتىلىكلەر ئىكەن، قوغۇنىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولغاچقا، سېتىۋالىدىغانلارمۇ كۆپ ئىكەن. ھەمراھى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلىغا قوغۇن بېسىۋاتقان ياقۇپ مۇھەممەد پەخىرلەنگەن ھالدا: مەنمۇ قاراتاش كەنتىدىن، بىزنىڭ كەنتنىڭ قوغۇنى داڭلىق، قوغۇننى بازارغا ئەكىرىشىمىزگىلا سېتىلىپ كېتىدۇ. مەن بۇ ئاپتوموبىلدىكى قوغۇننى بايغا ئاپىرىپ سېتىشقا تەييارلاۋاتىمەن،  دېدى.

    ئىگىلىنىشىچە، ھازىر كەنتتىكىلەرنىڭ قوغۇندىن قىلىدىغان يىللىق كىرىمى 1 مىليون 100 مىڭ يۈەن بولۇپ، كىشى بېشىغا 1000 يۈەندىن توغرا كېلىدىكەن.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ