|
قۇمۇل شەھىرى دېھقانلارنىڭ كىتاب سېتىۋېلىش، كىتاب كۆرۈش، كىتاب ئارىيەت ئېلىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن، مەبلەغ توپلاپ، يېزىلاردا ‹‹دېھقانلار كىتابخانىسى›› قۇرۇپ ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى.
بۇ شەھەر ‹‹دېھقانلار كىتابخانىسى›› قۇرۇلۇشىنى نۆۋەتتىكى سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى سۈپىتىدە تۇتۇپ، ئادەم زىچ ئولتۇراقلاشقان يېزا، كەنتلەرنى نۇقتا قىلىپ، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا 50 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ‹‹دېھقانلار كىتابخانىسى›› قۇرۇلۇشىنى باشلىدى. تۇنجى قەدەمدە قارادۆۋە، شەھەر ئىچى قاتارلىق يېزىلاردا ‹‹دېھقانلار كىتابخانىسى›› دىن ئىككىنى قۇرۇپ، ھەر بىرىگە 2000 پارچىدىن كىتاب قويۇپ، 10 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق تۈرلۈك گېزىتكە مۇشتەرى بولۇپ بەردى. مۇشۇ ئاساستا بۇ يىل يىل ئاخىرىغىچە يەنە ‹‹دېھقانلار كىتابخانىسى›› دىن سەككىزنى قۇرۇشنى پىلانلىدى. نۆۋەتتە، بۇ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان شەھەرلىك كۇتۇپخانا رەھبەرلىكى كىتابخانا قۇرۇلۇشى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تەرتىپلىك ئىشلىمەكتە.
|