باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا–ئانىلارغا مەسلىھەت
2008- 07- 25 16:42 شىنجاڭ گېزىتى

    ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئەڭ ئاخىرقى ئىمتىھان قەغىزىنى تاپشۇرۇپ ئىمتىھان مەيدانىدىن چىققاندىن كېيىن، نەچچە يىللىق يۈكنى تاشلىغاندەك ئۆزىنى يېنىك ھېس قىلىدۇ، لېكىن ئىمتىھان نومۇرى ۋە نومۇر چېكى ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ بەزىلىرى ھاياتىدىكى بىردىنبىر چىقىش يولى ھېسابلىغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن غەمگە پاتىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشتىن باشقا ھېچ قانداق چىقىش يولى يوقتەك تەقدىرىدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ. بەزى ئاتا –  ئانىلارىمۇ بۇ ئىشقا ئاقىلانە، توغرا مۇئامىلە قىلماي ئەپسۇسلىنىدۇ. توختىماي بالىسىغا تاپا قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىلا تەقدىرىدىن قايغۇرۇۋاتقان بالا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىدىم، ئاتا –  ئانامنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلىيالمىدىم، ئىستىقبالىم تۈگىدى، تۈگەشتىم دەپ، نېمە قىلارىنى بىلمەي، چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ.

    ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى چەكلىك بولغاچقا، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسى كۈچلۈك خېلى كۆپ ئوقۇغۇچى بۇ پۇرسەتكە ئېرىشەلمەيدۇ. ئاتا –  ئانىلاردا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش كەلگۈسىدە ياخشى خىزمەت تېپىپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشتىكى بىردىنبىر چىقىش يولى، دەپ قارايدىغان قاراش بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى ئالىي مەكتەپكە، بولۇپمۇ داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش ئىستىكى ئالاھىدە كۈچلۈك بولىدۇ، شۇڭا بۇنداقلار بالىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمەي قالغانلىقىدىن بەكمۇ قايغۇرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان  ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن بەزى بالىلارنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشتىن ۋاز كېچىپ، تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىدە ئوقۇشنى تاللىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇنىڭغا قارىتا مائارىپ مۇتەخەسسىسلىرى: بۇنىڭدىن ھازىرقى ياشلارنىڭ كەسىپ ۋە ئىستىقبالىنى تاللاشتىكى ئاقىلانىلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، بىز ھەممە ئادەمنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇشىنى تەشەببۇس قىلمايمىز، لېكىن ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە تېخىمۇ ماس كېلىدىغان ھۈنەر – كەسىپنى تاللاپ ئۆگىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، دەپ  قارىماقتا. بىز بۇنىڭدىن ئالىي مەكتەپ ئادەم ھاياتىدىكى بىردىنبىر چىقىش يولى ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.

    ئىسلاھاتنىڭ چۇڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بىزدە بازار ئىگىلىكى، ئىختىساسلىقلار بازىرى بەرپا بولدى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەقسىم قىلىش تۈزۈمى بىكار قىلىنىپ، ئۇلار ئىختىساسلىقلار بازىرىغا يۈزلەندۈرۈلدى. لېكىن بەزىلەر يەنىلا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشنى بىردىنبىر چىقىش يولى قىلماقتا،   بازار ئىگىلىكى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە پەرزەنتىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇش، قانداق مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش ئائىلىسىنىڭ مۇھىم مەبلەغ سېلىش تۈرى ھېسابلىنىدىكەن، شۇڭا ئۇلار ئوقۇش پۈتكۈزگەندە ئىش  تاپالايدىغان كەسىپلەردە ئوقۇشنى كۆپرەك ئويلايدىكەن، ھازىر بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشتىن ۋاز كېچىپ، تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىدە ئوقۇشنى تاللىشىدىن بىز ئۇلارنىڭ مەسىلىنى مەبلەغ سېلىش، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئىش ئورنىغا ئېرىشىش نۇقتىسىدىن ئويلاشقانلىقىنى ھېس قىلالايمىز. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەن بالىلار رېئاللىققا يۈزلىنىپ، ئۆزىگە تېخىمۇ ماس كېلىدىغان بىرەر ھۈنەر – كەسىپ تاللاپ ئۆگەنسە ياكى ئالىي مەكتەپكە قايتا ئىمتىھان بەرسە بولىدۇ، قايتا ئىمتىھان بېرىپ يۇقىرى نومۇر ئالغان بالىلارمۇ ئاز ئەمەس، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشتىن ۋاز كېچىپ، كەسپىي مەكتەپلەردە ھۈنەر –  كەسىپ ئۆگىنىپ نەتىجە قازانغانلارمۇ ئاز ئەمەس، شۇڭا  ئۇلار ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىگەنگە قايغۇرماي، كەلگۈسى ئۈچۈن تېخىمۇ ئوبدان نىشانلارنى بېكىتىشى، ئاتا –  ئانىلارمۇ بالىلارغا تاپا قىلماي، ئۇلارغا تېخىمۇ باپ كېلىدىغان يول كۆرسىتىپ بېرىشكە تىرىشىشى كېرەك.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ