باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
‹‹ئارقا ئىشىك››ئىزدەپ، قاپقانغا دەسسىۋالماڭ
2008- 07- 25 16:39 شىنجاڭ گېزىتى

    دۆلەتنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى سىياسەت ۋە بەلگىلىمىلىرى ئېنىق تۇرسىمۇ، بىر قىسىم ئاتا –  ئانىلار ئىمتىھان نومۇرى چەككە يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنى ئالىي مەكتەپكە كىرگۈزۈش ئۈچۈن، ‹‹ئارقا ئىشىك›› ئىزدەيدۇ، نەتىجىدە ئولجا ئىزدەپ يۈرگەن قويمىچىلارنىڭ قاپقىنىغا ئاسانلا دەسسىۋالىدۇ – دە، زىيان ئۈستىگە زىيان تارتىدۇ. يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بالىسىنى ئالىي مەكتەپكە كىرگۈزۈش ئۈچۈن ‹‹ئارقا ئىشىك›› ئىزدىگەنلەرنى قاپقانغا دەسسىتىپ، 2 مىليون 52 مىڭ  يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋالغان ياڭ جې(ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم)غا 15 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى.

    ياڭ جې ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەلۇم بىر ئالىي كەسىپ – تېخنىكا ئىنستىتۇتى ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولۇپ، يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان ھەر يىلى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىگە چىققاندا، ئىمتىھان نومۇرى چەككە يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارغا شۇ ئىنستىتۇتنىڭ تولۇق كۇرس كەسپىگە قوبۇل قىلىنغانلىق چاقىرىقىنى ھەل قىلىپ بېرەلەيمەن دەپ، ئۇرۇغ – تۇغقان،  تونۇش – بىلىشلىرى ئارقىلىق نۇرغۇن ئادەملەر بىلەن  ئالاقە ئورناتقان، ئەمما بىرسىگىمۇ چاقىرىق قەغىزى ھەل قىلىپ بېرەلمىگەن. ياڭ جې بۇ ئالدامچىلىقىنىڭ ئاقىۋىتىدىن قېچىپ قۇتۇلۇشقا كۆزى يەتمەي، 2007 – يىل 10 – ئاينىڭ 8 – كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق ج خ ئىدارىسىنىڭ جىنايى ئىشلار چوڭ ئەترىتىگە ئۆزىنى مەلۇم قىلغان. ياڭ جې ئۆزىنى مەلۇم قىلغاندا، يېنىدا ئاران 200 يۈەن  بولۇپ ، باشقىلاردىن ئالداپ ئېلىۋالغان 2 مىليون 52 مىڭ يۈەنگە قىمار ئوينىغان، لاتارىيە سېتىۋالغان.

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ يىل 11 – ئىيۇن ئۇنىڭغا 1 – سوت ھۆكۈمىنى چىقارغان، ھۆكۈمنامىدە مۇنداق دېيىلگەن: ياڭ جې ئىمتىھان نومۇرى چەككە يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرسىغا  قوبۇل قىلىنىشىغا ياردەم بېرىمەن دەپ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، 45 ئادەمنىڭ 2 مىليون 52 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلىقى ئۈچۈن، 1 – سوتتا ئۇنىڭغا 15 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلسۇن، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۈچ يىل مەھرۇم قىلىنىپ، 200 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلسۇن ھەمدە ئالداپ ئېلىۋالغان پۇللارنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرسۇن.

    ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ياڭ جې نارازىلىق ئەرزى سۇنمايدىغانلىقىنى، بالدۇرراق جازا مۇددىتىنى تۈگىتىپ تۈرمىدىن چىقىپ، ئالدانغانلارنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    سودىيىنىڭ ئەسكەرتىشى: يىللاردىن بۇيان مۇشۇنداق ئالدامچىلىق دېلولىرى كۆرۈلۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. بەزى كىشىلەر ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ ئالغان نومۇرى نومۇر چېكىگە يەتمىسە، ئالىي مەكتەپكە كىرگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرسىمۇ، نومۇرى چەككە يەتمىگەنلەرنى ئالىي مەكتەپكە كىرگۈزۈپ قويۇشقا ۋەدە قىلىدۇ. بۇ ئوچۇقلا ئالدامچىلىق شۇنداقلا قانۇنغا خىلاپ قىلمىش. شۇڭا ئاتا – ئانىلارنىڭ ھوشيار بولۇشىنى، ‹‹ئارقا ئىشىك›› ئىزدەپ، ئالدامچىلارنىڭ قاپقىنىغا دەسسىۋالماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ