باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىشتا ھەر بىر ھالقا بىر ئۆتكەل
2008- 07- 25 16:38 شىنجاڭ گېزىتى

    2008 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلىنىپ كەتتى، ئىمتىھانغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغانلىق ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋېلىشقا ئالدىراۋاتىدۇ. نېمە ئۈچۈن يۇقىرى نومۇر ئالغان قىسمەن ئوقۇغۇچىلار ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدى؟ ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىشتا ئارزۇ تولدۇرۇش راستىنلا شۇنچە مۇھىممۇ؟ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تارماقلىرىدىكىلەرگە ‹‹يول›› ماڭسا، ئۆزى ئارزۇ قىلغان ئالىي مەكتەپلەرگە كىرگىلى بولامدۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەر ھەر يىلى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەزگىلىدىكى قىزىق ۋە مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى. بىر ئوچۇم ‹‹پۇرسەتپەرەس›› ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئالدامچىلىرى مۇشۇ مەزگىلدە بەزى ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا – ئانىلارنى ئالداپ، پۇل ئۈندۈرۈۋېلىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا – ئانىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى سەزگۈرلۈكى ۋە ئاڭلىقلىقىنىڭ ئۆسۈشىگە ئازدۇر – كۆپتۇر ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن، نەچچە يىللىق مۇخبىرلىق ئەمەلىيىتىمدە ئۇچراتقان ۋە ھېس قىلغانلىرىمنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق تاپتىم.

    ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ھەر يىلى ئادىل، باراۋەر، ئوچۇق – ئاشكارا بولۇش پرىنسىپى بويىچە  چىڭ ئىنتىزام، نورمال قائىدە – تەرتىپتە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. تور ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش باشلانغاندىن بۇيان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېلېكترونلۇق ئارخىپى يۇقىرى نومۇردىن تۆۋەن نومۇرغا قاراپ تۈركۈملەر بويىچە چىقىرىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدا يەنىلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇسى ئاساس قىلىنىدۇ. گەرچە ھەر يىلى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئىمتىھان بېرىشنىڭ ئالدىدا ئارزۇ جەدۋىلىنى تولدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى قايتا – قايتا  تەكىتلەنسىمۇ، قىسمەن ئوقۇغۇچىلار يەنىلا ئارزۇ تولدۇرۇشقا دېگەندەك ئەھمىيەت بەرمەيۋاتىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىر تۇتاش ئىمتىھان ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، ئالىدىغان نومۇرىنى توغرا پەرەز قىلىپ ئارزۇ تولدۇرماستىن، تەۋەككۈلچىلىك ئىدىيىسى بويىچە ئەمەلىيتىگە ماس كەلمىگەن ھالدا تۆۋەن نومۇرلۇق مەكتەپلەرنى ياكى  يۇقىرى نومۇرلۇق مەكتەپلەرنى تۇنجى ئارزۇسىغا يېزىۋاتىدۇ. بەزىدە ھەتتا ئارزۇ جەدۋىلىنى خاتا، چۈشىنىكسىز تولدۇرۇپ قويۇۋاتىدۇ. نەتىجىدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ھەم  نومۇرنى ھەم ئارزۇنى ئاساس قىلىش شەرتىگە لايىقلىشالماي، كۆزلىگەن ئارزۇسىغا يېتەلمەيۋاتىدۇ. بۇ يىلمۇ نومۇرى 600 دىن ئاشقان 31 ئوقۇغۇچى ئارزۇسى بىلەن ئىمتىھان نومۇرىدا توقۇنۇش بولۇپ ، 1 – تۈركۈمدىكى مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنالماي قالدى. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئالدامچىلىرى بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، ئۇلارنى قايمۇقتۇرۇپ، ئىپلاس مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس 2 – تۈركۈمىدىكى مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىنىش ئىمكانىيىتى تامامەن بار.

    ئادەتتە ئارزۇ تولدۇرۇش كىتابىدا ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى سانى ئېنىق ئەسكەرتىلىدۇ، بەزى مەكتەپ ۋە كەسىپلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى سانى چەكلىك بولۇپ، بەزى مەكتەپلەر بىر ياكى ئىككى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ. بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە قىزىقىشى شۇ چەكلىك ساندىكى مەكتەپلەرگە ماس كەلسىمۇ، ئۇلار قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى سانىنىڭ ئازلىقىغا قاراپلا، ئارزۇ تولدۇرۇشتىن ۋاز كېچىدۇ. بۇ يىل بېيجىڭ پوچتا – تېلېگراق ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنىدىغان سان بىرلا بولغاچقا، نۇرغۇن ئوقۇغۇچى بۇ مەكتەپكە ئارزۇ تولدۇرمىغانىكەن. ئەگەر ئوقۇغۇچىلاردا ئۆزىگە نىسبەتەن ئىشەنچ بولسىلا، قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچى سانى ئاز بولغان مەكتەپلەرگە ئارزۇ تولدۇرۇشتىن ئۇنچىۋالا قورقۇپ كەتمەسلىكى لازىم. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز تۇنجى قېتىم 2 –  ئارزۇدىن باشلاپ، پاراللېل ئارزۇ بويىچە ئارخىپ چىقىرىشنى يولغا قويدى.

    بىر كۈنى بىر تونۇشۇم  رەتلىك كىيىنىۋالغان، ئېگىز بويلۇق، قولىغا ھۆججەت سومكىسى كۆتۈرۈۋالغان 30 ياشلار چامىسىدىكى بىرەيلەننىڭ بىر نەچچە ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا – ئانا بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ پارىڭىغا خۇپىيانە قۇلاق ساپتۇ، ھېلىقى كىشى ئاتا – ئانىلار ۋە  ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا ئائىت ماتېرىياللارنى كۆرسىتىپ،  ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىكى مەلۇم بىرەيلەننىڭ نامىدىن پايدىلىنىپ، نومۇرى 1 – تۈركۈمدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قوبۇل قىلىش نومۇر سىزىقىغا توشمىغان بولسىمۇ، ئالدىن 30 مىڭ يۈەن بەرسە 1 – تۈركۈمدىكى مەكتەپكە  ئۆتكۈزۈپ قويىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىپ، قۇلاققا ياقىدىغان سۆزلەر بىلەن ئۇلارنى ئالداۋاتقان ئىكەن. ئەمەلىيەتتە بۇ چاغدا  1 – تۈركۈمدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئاللىبۇرۇن ئاياغلىشىپ، بۇ تۈركۈمدە قانچىلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغانلىقى ئاشكارا ئېلان قىلىنىپ، ئومۇمىي خۇلاسىمۇ چىقىرىپ بولۇنغان.  ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھازىر تولۇقلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا قەتئىي بولمايدىغان ئەھۋال ئاستىدا بىرقىسىم ئاتا – ئانىلارنىڭ ئاشۇنداق ئالدامچىلارنىڭ گەپلىرىگە ئىشىنىشى ئەخمىقانىلىكتۇر.

    ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ‹‹قۇياش نۇرى قۇرۇلۇشى›› يولغا قويۇلۇپ، ‹‹مەكتەپ مەسئۇل بولۇش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى نازارەت قىلىش›› پرىنسىپى بويىچە ئىدىيە – ئەخلاقتا لاياقەتلىك، ساغلام، بىر تۇتاش ئىمتىھاندىكى نەتىجىسى ھەر قايسى تۈركۈملەرنىڭ قوبۇل قىلىش نومۇر چېكىگە يەتكەن ھەم مەكتەپلەرنىڭ ئارخىپ تەڭشەش تەلىپىگە لايىقلاشقان ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدۇ. ئاتالمىش مۇناسىۋەت باغلىغۇچىلارنىڭ ئاللاكىملەرنى مۇناسىۋەت ئارقىلىق خالىغان كەسىپكە كىرگۈزۈپ قويۇشى  قەتئىي مۇمكىن ئەمەس. بىر ئوقۇغۇچىنىڭ پۈتكۈل ئارخىپ ماتېرىيالى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ھەممە كومپيۇتېردا تولۇق ساقلانغان بولىدۇ، ھەر بىر ھالقا بىر ئۆتكەل، مەلۇم بىر كىشىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق مەقسەتكە يېتىش قەتئىي مۇمكىن ئەمەس. ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى مەخسۇس پاش قىلىش تېلېفونى ۋە مەسلىھەت سوراش تېلېفونلىرىنىمۇ تەسىس قىلدى. شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى: .cn www.xjzs.edu//:http؛ شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇر تورى:  .gov.cn www.xjedu//:httpدىن ئىبارەت ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئاچقان بىردىنبىر قانۇنلۇق تور بەتلىرىدىكى ئۇچۇرلارنى ئاساس قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ نامىدىن پايدىلىنىپ ئاچقان ھەر قانداق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تور بەتلىرى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلار ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىسى يوق، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا – ئانىلارنىڭ سەمىگە شۇنى سالىمىزكى، ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار يىلدىن – يىلغا كۆپىيىۋاتقان، رىقابەت كەسكىنلىشىۋاتقان شارائىتتا، ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان نومۇرى ۋە ئارزۇسى ‹‹توقۇنۇشۇپ قېلىش››تىن ساقلىنىپ، ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان مەكتەپلەرگە ئوڭۇشلۇق قوبۇل قىلىنىشقا شەرت ھازىرلىشى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئالدامچىلىرىنىڭ ئالدامچىلىق قىلىشىغا پۇرسەت بەرمەسلىكى لازىم.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ