|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ خەۋىرى. جۇڭگو خوجىلىق باشقۇرۇش جەمئىيىتى يېقىندا ئېلان قىلغان خوجىلىق كەسپىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئېچىشقا مەسئۇل ئورۇننىڭ قۇرۇلۇشىدا تۇرالغۇ تۈرىنىڭ يانداش ئەسلىھەلىرى تولۇق بولماسلىق، ئەمەلىيلەشمەسلىك مەسىلىلىرى ساقلانغاچقا، خوجىلىق مۇلازىمىتىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئاشقان.
خوجىلىق باشقۇرۇش كەسپىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن قارىغاندا، تۇرالغۇ تۈرىنىڭ يانداش ئەسلىھەلىرى تولۇق بولمىغانلار تەكشۈرۈلگەن كارخانا ئومۇمىي سانىنىڭ% 52.35ىنى، تۇرالغۇ تۈرىدە قاتناش قۇلايسىز بولغانلار% 10.22ىنى، تۇرالغۇ تۈرىدە بەلگىلىمە بويىچە خوجىلىق باشقۇرۇش ئۆيى تەسىس قىلمىغانلار % 28.50ىنى ئىگىلىگەن.
ئالاقىدار ئەربابلار مۇنداق دېدى: ‹‹تۇرالغۇ تۈرىنى ئېچىشقا مەسئۇل ئورۇنلار مەبلەغ ئۈنۈمىنى بىر تەرەپلىمە قوغلىشىپ، يانداش ئەسلىھە تۈرلىرىنى ئامال بار قىسقارتىپ يانداش تۈرلەرنى پىلانلىغان بولسىمۇ، يولغا قويۇشنى كېچىكتۈرگەن، بىرىنچىدىن، ئۇلار ئالدى بىلەن تۇرالغۇنى سېلىپ ئاندىن يانداش ئەسلىھەلەرنى سەپلىگەن، بۇ، كۆچۈپ كىرگەن ئۆي ئىگىلىرىگە كۆپ تەرەپتىن قۇلايسىزلىق ئېلىپ كەلگەن، خوجىلىق باشقۇرۇش ئىشلىرىدىمۇ نۇرغۇن زىددىيەت ۋە مەسىلە كۆرۈلگەن. ئىككىنچىدىن، قۇرۇلۇش قىلىش بىلەن باشقۇرۇش ئېنىق ئايرىلماي ئالدىنقى باسقۇچتىكى زىددىيەت ئاشكارىلانمىغانلىقتىن ياكى باشقىلارغا دۆڭگەپ قويۇلغانلىقتىن، خوجىلىق مۇلازىمىتىدە يوشۇرۇن خەۋپ ھەم تالاش – تارتىش پەيدا بولغان؛ بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە ئېچىشقا مەسئۇل ئورۇن قۇرۇلۇش قىلىش بىلەن باشقۇرۇشنى ئېنىق ئايرىماسلىقتىن پايدىلىنىپ ئالدىنقى باسقۇچتىكى زىددىيەتنى يوشۇرغان ياكى باشقىلارغا دۆڭگەپ قويغۇچىلار تەكشۈرۈلگەن كارخانا كارخانا ئومۇمىي سانىنىڭ %52.50 ىنى ئىگىلىگەن؛ قۇرۇلۇش قىلىش – باشقۇرۇشنى ئېنىق ئايرىماسلىقتىن پايدىلىنىپ يېڭى قۇرۇلۇش تۈرىدىكى زىددىيەتنى باشقىلارغا دۆڭگەپ قويغۇچىلا ر% 41.96 نى ئىگىلىگەن؛ يېڭى سېلىنغان تۈرلەردە ئۆيلەرنىڭ سۈپەت مەسىلىسى گەۋدىلىك بولغانلار % 51.85 نى ئىگىلىگەن››.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېچىش – قۇرۇلۇش قىلىشقا مەسئۇل بىر قىسىم ئورۇنلار خوجىلىق مۇلازىمىتىدىن پايدىلىنىپ ئۆي سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بوش قالغان ئۆيلەرنىڭ خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققىنى نېسى قالدۇرغان. قىسمەن كارخانىلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئېچىشقا مەسئۇل ئورۇنلار خوجىلىق مۇلازىمىتىگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلمەيدىكەن، ئەكسىچە ئاچماقچى بولغان تۈرنى خوجىلىق مۇلازىمىتى بىلەن پەردازلاپ، كۇرسلۇق مەھسۇلات ماركىسى ياراتماقچى بولىدىكەن.
|