باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سانائەت بۇيۇملىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23 ئۆرلىدى
2008- 07- 25 16:09 شىنجاڭ گېزىتى

    نېفىت، قارا مېتال رۇدىلىرىنى تاللاش – قېزىش، قارا مېتال تاۋلاش ۋە پروكاتلاپ پىششىقلاش كەسپى ھەم يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنىڭ باھاسىنىڭ زور نىسبەتتە ئۆرلىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سانائەت بۇيۇملىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23، خام ئەشيا، يېقىلغۇ، ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21 ئۆرلىدى.

    دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدا تەكشۈرۈلگەن 38 چوڭ تىپتىكى سانائەت كەسپى ئىچىدە، 32 سانائەت كەسپىدە ئۆرلەش ھالىتى كۆرۈلگەن بولۇپ، ئۆرلەش نىسبىتى %.2 84 كە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، قارا مېتال رۇدىلىرىنى تاللاش – قېزىش كەسپىدە باھا %.3 76، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قېزىش كەسپىدە باھا %.6 40، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاش كەسپىدە %.1 40، قارا مېتال تاۋلاش ۋە پروكاتلاپ پىششىقلاش كەسپىدە %.4 43، مېتال بۇيۇم ياساش كەسپىدە %.2 25، يېمەكلىك ياساش كەسپىدە %.4 19 ئۆرلىگەن.

    دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتى ئىشلەپچىقىرىش سېلىنمىسى باھاسى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ يۆخېڭ مۇنداق دېدى: سانائەت بۇيۇملىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسىنىڭ زور نىسبەتتە ئۆرلىشى خەلقئارا بازاردىكى ئالاقىدار مەھسۇلاتلار باھاسىنىڭ زور نىسبەتتە ئۆرلىشى ۋە ئېلىمىزدىكى ئېھتىياج – تەمىناتنىڭ ئېشىشىدەك قوش ئامىلنىڭ تەسىرىدە شەكىللەنگەن. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سانائەت بۇيۇملىرىنىڭ باھاسىدا ئۆرلەش كۆپ، چۈشۈش ئاز بولۇش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، ئېغىر سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ سانائەت بۇيۇملىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسىنىڭ ئومۇمىي كۆرسەتكۈچىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەن بولۇشىغا كۆرسەتكەن تەسىرى يېنىك سانائەتتىن چوڭ بولدى.

    ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ماتېرىياللىرىنىڭ باھا كۆرسەتكۈچى بىر ۋاقىتتا ئۆرلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، قېزىش تۈرى، خام ئەشيا تۈرى ۋە پىششىقلاش كەسپى تۈرى قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرىنىڭ باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى %.2 23 بولدى. يېمەكلىك، كىيىم – كېچەك، ئادەتتىكى كۈندىلىك لازىمەتلىكلەر قاتارلىق تۇرمۇش ماتېرىياللىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى %.8 21 بولدى. توققۇز تۈرلۈك خام ئەشيا، يېقىلغۇ، ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ ھەممىسىدە ئۆرلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، ئۆرلەش نىسبىتى %2 تىن %40 ئارىلىقىدا بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، قارا مېتال ماتېرىياللىرىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى %.5 39، يېقىلغۇ، ئېنېرگىيىنىڭ %.1 31، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ %.2 13، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ %.4 8 ئۆرلىدى.

    جياڭ يۆخېڭ مۇنداق دېدى: 2007 – يىلدىكى خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ سىجىل ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەييار ماينىڭ باھاسىمۇ ئىزچىل ئۆرلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەبىئىي نېفىتنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى %.6 40، بېنزىن، كىرسىن ۋە دىزېلنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى %.2 8، %.3 8 ۋە %.2 9 ئۆرلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سانائەت بۇيۇملىرىنىڭ باھاسىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتتى.

    بۇنىڭدىن سىرت، تەننەرخ تۈرتكىسى سانائەت بۇيۇملىرى باھاسىنىڭ ئۆرلىشىدىكى مۇھىم ئامىل بولۇپ قالدى. پولات – تۆمۈر، ئاپتوموبىل، ئۆي – زېمىن قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئېنېرگىيە، ئاساس خام ئەشيالىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئېھتىياجى تېز ئېشىپ، تەمىنلەش جىددىيلىشىش زىددىيىتىنى پەيدا قىلدى، بۇ كۆمۈر، پولات – تۆمۈر قاتارلىق خام ئەشيالارنىڭ باھاسىنىڭ زور نىسبەتتە ئۆرلىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

    جياڭ يۆخېڭ مۇنداق دېدى: سانائەت بۇيۇملىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسىنىڭ ئۆرلىشى كارخانىلارنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى بىۋاسىتە يۇقىرى كۆتۈردى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، سانائەت بۇيۇملىرى باھاسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ناھايىتى چوڭ دەرىجىدە كونترول قىلىپ كەلگەنىدى، ھازىر بازار باھاسىنىڭ سىجىل ئۆرلىشى ئېھتىياجنىڭ كېڭىيىشىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدا پائال تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ