باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەرزان ، قولايلىق ئۆيلەرنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى تۈنۈگۈن رەسمىي ئېلان قىلىندى
2008- 07- 25 15:00 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى

       ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەرزان ، قولايلىق ئۆيلەرنى ئىلتىماس قىلىش ، تەكشۈرۈش ۋە پىلانلىق سېتىشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى تۈنۈگۈن رەسمىي ئېلان قىلىندى . مۇشۇ ئاينىڭ 28 – كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۆۋەن كىرىملىك ، ئولتۇراق ئۆي قىيىنچىلىقى بار ئاھالىلەر نوپۇسى تۇرۇشلۇق مەھەللە باشقۇرۇش ئورنىغا بېرىپ ، ئەرزان ، قولايلىق ئۆي سېتىۋېلىشنى ئىلتىماس قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرسە بولىدۇ .

        بەلگىلىمە بويىچە ، ئۈرۈمچى شەھىرى ئەرزان ، قولايلىق ئۆيلەرنى سېتىۋېلىشنى ئىلتىماس قىلىدىغان تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ئايلىق كىرىمى ئۆلچىمى ، كېشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئولتۇراق ئۆي كۆلىمى ئۆلچىمىنى ھەرىكەتچان باشقۇرىدۇ ھەمدە ھەر يىلى بىر قېتىم ئېلان قىلىدۇ . ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆي – زېمىن ، مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۆي – زېمىن ، مۈلۈك باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لۇ جياڭتاۋ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى : بۇ يىل ، كىشى بېشىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن توغرا كېلىدىغان ئولتۇراق ئۆي كۆلىمى 3 كۋادرات مېتىرغا يەتمەيدىغان ، يىللىق كىرىمى 700 يۈەندىن تۆۋەنلەر ئەرزان ، قولايلىق ئۆي سېتىۋېلىشقا ئىلتىماس قىلالايدۇ . بۇنداق بولغاندا ، كاپالەت ئوبيېكتلىرىنى ئولتۇراق ئۆي كاپالىتىگە ئىگە قىلغىلى ، ئىلگىرى  كاپالىتى ئوبيېكتلىرىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ ، ئەرزان قولايلىق ئۆي سېتىلىۋېلىشقا تېگىشلىكلەر سېتىۋالالماسلىق ، سېتىۋېلىشقا تېگىشلىك ئەمەسلەر ئەرزان ، قولايلىق ئۆي سېتىۋېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ ، ئەرزان ، قولاي ئۆيلەر بازارلىرى ئارقىلىق ئۈرۈمچىدە ئۆي باھاسىنى مۇقىملاشتۇرغىلى ، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنى نەپكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ .

      بۇ يىل ھۆكۈمەت مەركەزلىك سالىدىغان 200 مىڭ كۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى ئەرزان ، قولايلىق ئۆيلەرنىڭ 70 پىرسەنتىدە قۇرۇلۇش باشلاندى . لۇ جياڭتاۋ مۇنداق دېدى : ئۈچ ئاي ئىلتىماس قىلىش ، تەكشۈرۈشتىن ، ئۈرۈمچى شەھىرى تەرتىپ بويىچە نومۇر ئايلاندۇرۇپ ئۆي تاللاش شەكلىنى قوللىنىپ ، ئەرزان ، قولايلىق ئۆيلەرنى پىلانلىق ساتىدۇ ، سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈشتە ، ئەرزان ، قولايلىق ئۆي سېتىلىۋېلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىلتىماس قىلغۇچىلار سالاھىيىتى ئېتىراپ قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشى بويىچە ئۆي – زېمىن – مۈلۈك ئىدارىسىغا بارسا ، سېتىۋالىدىغان ئەرزان ، قولايلىق ئۆيلەرنىڭ كونكرېت ئورنىنى بېكىتىپ بېرىدۇ ، بۇ خىزمەت ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئائىلە ئەھۋالى ، ئىلتىماس قىلىش ۋاقتىنىڭ ئىلگىرى – كېيىنلىك تەرتىپى بويىچە ئىشلىنىدۇ ، ئاۋۋال ياشانغانلار ئويلىشىلىدۇ ، ئېغىر دەرىجىدىكى مېيىپلار ، ئېغىر كېسەللەر ، خەتەرلىك ئۆيدە تۇرۇۋاتقان دەپ بېكىتىلگەنلەر ، ئوخشاش شەرت ئاستىدا نومۇر ئايلاندۇرۇپ تاللاش شەكلى ئارقىلىق رەت تەرتىپى بېكىتىلىدۇ .

( مۇھەررىر : قەيـسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ