باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ۋىلايەت–ئوبلاسىت خەۋەرلىرى
يوپۇرغا ناھىيىسى مەملىكەت بويىچە ئۆلچەملەشكەن ‹‹يېشىل›› قوغۇن بازىسى بولدى
2008- 07- 25 12:57 شىنجاڭ گېزىتى

     يوپۇرغا ناھىيىسى 20 – ئىيۇل مەملىكەت بويىچە ئۆلچەملەشكەن ‹‹يېشىل›› يېمەكلىكلەر بازىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى.

    دۆلەت يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق ‹‹يېشىل›› يېمەكلىكلەرنى راۋاجلاندۇرۇش مەركىزى، قەشقەر ۋىلايەتلىك زىيانسىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۆلچەش – كۆزىتىش مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىللەنگەن تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش گۇرۇپپىسى يېقىندا يوپۇرغا ناھىيىلىك ‹‹يېشىل›› قوغۇن بازىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالدى. تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش گۇرۇپپىسى دوكلات ئاڭلاش، نەق مەيداننى تەكشۈرۈش، دېھقانلار بىلەن سۆھبەتلىشىش، ئارخىپلارنى كۆرۈش، ئىشلەپچىقىرىش خاتىرىسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ‹‹يېشىل›› قوغۇن ئىشلەپچىقىرىشتىكى تەشكىلىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، تېخنىكا باشقۇرۇش مۇلازىمەت سىستېمىسى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى قاتارلىق سەككىز چوڭ تۈر، 50تىن ئارتۇق كىچىك تۈرنى بىر بىرلەپ باھالاپ نومۇر قويۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا بۇ ناھىيىنى ‹‹يېشىل›› قوغۇن ئىشلەپچىقىرىشتىكى تۈرلۈك تېخنىكىلىق كۆرسەتكۈچلەرنىڭ تەلىپىگە يەتكەن، دۆلەتنىڭ ‹‹يېشىل›› قوغۇن ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ، دەپ بېكىتتى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ