|

24–ئىيۇل ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پاتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى جارۇللا ھېسامىدىن ، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ماشۆفىڭ ، شەھەرلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى لى ۋېنفۇ ۋە شەھەرلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسى ، ئۈرۈمچى سانجى مالىيە ئىدارىسى ، شەھەرلىك كادىرلار ئىدارىسى ، شەھەرلىك قۇرۇلۇش كومىتېتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە رەھبەرلەرنىڭ ھەمرالىقىدا ، شەھەرلىك قۇتقۇزۇش پونكىتى ، شەھەرلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنى ، شەھەرلىك ياشانغانلار ساناتورىيىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا تەكشۈرۈشتە بولۇپ ، ياشانغانلار ۋە ئىگە–چاقىسىز بالىلاردىن ھال سوراپ ، ئۇلارغا ھال سوراش پۇلى ۋە بويۇملىرىنى تارقىتىپ بەردى .

|