باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
بىر يۈرۈش ئىقتىسادىي ئۇچۇرلار
2008- 07- 25 11:33 ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

       ● ئىگىلىنىشىچە ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تاشيول تىرانسىپورت بازىرىنى باشقۇرۇش پونكىتى يېقىلغۇ ماي مالىيە ياردەم پۇلىنى تارقىتىش خىزمىتىنى تاماملاپ بولغان . مۇشۇ ئاينىڭ 18–كۈنىگە قەدەر ، بۇ قېتىم يېقىلغۇ ماي مالىيە ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدىغان يېزا يولۇچى تىرانسىپورتى ، كىرا ئاپتوموبىللىرى ۋە شەھەر ئاممىۋى قاتنىشىغا 7 مىليون 865 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى تارقىتىلغان .

      ● جادا بانكىسى ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: ‹‹گەرچە جۇڭگولۇقلارنىڭ ئائىلە كىرىمى تېز سۈرئەتتە ئاشقان بولسىمۇ ، ئەمما يېمەكلىك باھاسى ئۆرلىگەنلىكتىن ، يېمەكلىك ئىستېمال چىقىمىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىدە تۆۋەنلەش بولمىدى . بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ، جۇڭگو شەھەر ، بازار ئاھالىلىرىنىڭ يېمەكلىك چىقىمىنىڭ ئىستېمال ئومۇمىي چىقىمى ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %36 ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ %43 بولدى . دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: ‹‹ ئېنىگىر قائىدىسىگە ئاساسلانغاندا ، ئائىلە كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ، يېمەكلىك ئىستېمال چىقىمى تۆۋەنلىشى كېرەك ئىدى ، ئەمما بۇ قانۇنىيەت نۆۋەتتىكى جۇڭگو ۋەزىيىتىگە ماس كەلمىدى . بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ يېمەكلىك باھاسىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆرلىشىنىڭ باشقا ئىستېمال بوشلۇقىنى ئىگىلىۋالغانلىقىدا.

      ● سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكى يېقىندا ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكىلىق دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا دۆلىتىمىزنىڭ خەۋەرلىشىش كەسپى مۇقىم تەرەققىي قىلغان . مەملىكەت بويىچە كۆچمە تېلېفون ئابونىچىلىرى 601 مىليونغا يەتكەن . مەملىكەت بويىچە تېلېگراف كەسىپ ئومۇمىي مىقدارى 1 تىرىليون 95 مىليارد 310 مىليون يۈەنگە يېتىپ ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.9 ، تېلېگراف مۇلازىمەت كىرىمى 398 مىليارد 790 مىليون يۈەن بولۇپ ، %9.2 ، تېلېگراف مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى 113 مىليارد 640 مىليون يۈەنگە يېتىپ ، %9.9 ئاشقان .

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ