|
24–ئىيۇل ، چۈشتىن بۇرۇن ، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق ئوت ئۆچۈرۈش چوڭ ئەترىتى ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شىخەنزە سارىيىغا ئېسىلغان زور ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپى بار ئورۇن دېگەن ۋىۋىسكىنى ئېلىۋەتتى ، بۇنىڭ بىلەن ، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونىدا زور ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپ بار ئورۇنلارنى ئومۇميۈزلۈك تەرتىپكە سېلىش ، ئۆزگەرتىش خىزمىتى تاماملاندى .
بۇ قېتىم زور ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپ بار ئورۇن دېگەن ۋىۋىسكىسى ئېلىۋېتىلگەن شىخەنزە سارىيى ، يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپى بار نۇقتىلىق 33 ئورۇننىڭ بىرى بولۇپ ، ھۆكۈمەت ۋىۋىسكا ئېسىپ تەرتىپكە سېلىش ، ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇلغان ئىدى . شىخەنزە سارىيىنىڭ باش دىرېكتورى ياڭ جېنخۇا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى : بىنانىڭ لايىھىلىنىشىدىكى سەۋەنلىك تۈپەيلى ، شىخەنزە سارىيى زور ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپ بار ئورۇن بولۇپ قالدى ، بىنا 91 – يىلى كونا قېلىپتا لايىھىلەنگەن بولۇپ ، بىنانىڭ ھەممە قەۋىتىدە پۈركۈگۈچ يوق ، ھەر بىر قەۋەتتە ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئىشىكىمۇ يوق .
شىخەنزە سارىيى ––– شىخەنزە شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى تۇرۇشلۇق جاي ، شۇنداقلا ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىدىغان ئۈچ يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانساراي بولۇپ ، شىخەنزە سارىيىنىڭ باش دىرېكتورى ياڭ جېنخۇا مۇنداق دېدى : شىخەنزە شەھىرى ۋە يېزا ئىگىلىك 8 – شىسى پارتكومى ئوت ئاپىتىدىكى يوشۇرۇن خەۋپنى تەرتىپكە سېلىش ۋە ئۆزگەرتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ، بىز 2 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ زور ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپ بار ئورۇن دېگەن ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ، بىز دەرھال 8 – شى ، شەھەرلىك پارتكومىغا دوكلات قىلدۇق ، 8 – شى پارتكومى بۇ ئىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ، دەرھال شى باشلىقلىرى ئىش بىجىرىش يىغىنى چاقىردى ، ئاندىن يېزا ئىگىلىك 8 – شىسىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىنژېنېرى ، قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بىلەن شىخەنزە سارىيىنىڭ سابىق لايىھىلىگۈچىسى ، باش لايىھىلىگۈچىسى شىخەنزە سارىيىغا كېلىپ دەلىللىدى ، ئاندىن 6 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەرتتى .
تەرتىپكە سېلىش ، ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ، شىخەنزە سارىيى پۈتۈنلەي يېڭى قىياپەتكە كىردى ، زور ئوت ئاپىتىنى پەيدا قىلىدىغان يوشۇرۇن خەۋپ يوقىتىلدى . شىخەنزە سارىيىنىڭ باش دىرېكتورى ياڭ جېنخۇا مۇنداق دېدى : بۇ قېتىمقى يوشۇرۇن خەۋپنى تەرتىپكە سېلىش ، ئۆزگەرتىش يۇقىرى ئۆلچەمدە ئېلىپ بېرىلدى ، كىشىلەر زالغا كىرسىلا ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەلىرىنى كۆرەلەيدۇ ، بىز بۇ قېتىمقى تەرتىپكە سېلىش ، ئۆزگەرتىشتە ، پۈتۈن ئىمارەتنى قايتىدىن بېزىدۇق ، ھازىر مېھمانساراي ياتاقلىرى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ ، ئوت ئۆچۈرۈش چوڭ ئەترىتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ تەرتىپكە سېلىش ، ئۆزگەرتىش فاڭجېنى ۋە ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە بىنانى شەرتسىز تەرتىپكە سالدۇق ، ئۆزگەرتتۇق . كارخانىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ، ئەگەر مېھمانسارايدا ئوت ئاپىتى پەيدا قىلىدىغان يوشۇرۇن خەۋپ بولسا ، يوشۇرۇن خەۋپنى تەلتۈكۈس ھەل قىلىشقا مەسئۇل بولۇشۇم كېرەك ، ئەلۋەتتە ، ئاندىن تىجارىتىمىز تېخىمۇ ياخشى ، بىخەتەر بولىدۇ .
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق ئوت ئۆچۈرۈش چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ جيەنيۇڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى : ھازىرغىچە ، سايباغ رايونىدىكى ھۆكۈمەت ۋىۋىسكا ئېسىپ تەرتىپكە سېلىش ، ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇلغان زور ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپى بار 5 ئورۇننىڭ ھەممىسى ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتتى .
|