|
تېرىغان ئاشلىقى قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە ئۇچرىغان دېھقانلارنى دۆلەتنىڭ دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن بالدۇرراق بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن ، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل دېھقانلارغا تارقىتىپ بېرىشكە 1 مىليارد 200 مىليون يۈەن يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىۋاستە تولۇقلىمىسى غەملىدى .
ئاپتونوم رايون بۇ يىل ئاپرېلدا بۇغداي تېرىغان دېھقانلارغا بېرىلىدىغان ئۇنىۋېرسال بىۋاستە تولۇقلىما پۇل ئۆلچىمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ ، جەنۇبىي شىنجاڭدا ھەر مو بۇغدايغا بېرىلىدىغان تولۇقلىما پۇلنى 31 يۈەندىن 97 يۈەنگە ، قالغان جايلاردا 94 يۈەنگە تەڭشىگەنىدى ، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە ئۇچراپ ، 484 مىڭ 700 مو بۇغدايلىقتىن پەقەتلا ھوسۇل چىقمىدى .
قۇرغاقچىلىقنىڭ ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارغا بولغان تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا تېرىغان بۇغدايدىن پەقەتلا ھوسۇل چىقمىغانلارنى بىۋاستە تولۇقلىما بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ ، ھوسۇل چىقمىغان ئىككى مو بۇغدىيىنى بىر مو ھېسابلاپ تولۇقلىما بېرىشنى قارار قىلدى .
|