|
ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىر تۈركۈم كارخانىلارنى جەلپ قىلىپ، زور ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى.
بۇ ئوبلاست شەندوڭ ئۆلكىسىدىكى ‹‹شىنۋىن›› كانچىلىق گۇرۇھ شىركىتىنى ئىلىغا مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلدى. ئۇلار 120 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ئىلى ‹‹تەيشەن››قۇياش نۇرى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈردى. نۆۋەتتە، بۇ شىركەت ئىشلەپچىقارغان قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ %60ى قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېكىسپورت قىلىنىۋاتىدۇ. ‹‹شىنۋىن›› كانچىلىق گۇرۇھى يەنە ئىلىدا كان ئېچىشنى پىلانلاپ، بۇلتۇر 6 – ئايدا 2 مىليارد 586 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ‹‹ئىلى 1 – نومۇرلۇق كان قۇدۇقى››نى ئېچىش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىغان ئىدى. ھازىر يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 10 مىليون توننا بولغان بۇ كۆمۈر كان قۇدۇقىنى ئېچىش قۇرۇلۇشى ئاساسەن پۈتتى. ھازىر بۇ ئوبلاستتىكى كانچىلىق كارخانىلىرى 2 مىليون 500 مىڭ توننا كوكۇس، 6 مىليون توننا سېمونت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىدى.
|