|
ئىلى ئۈزۈم ھاراق زاۋۇتىنىڭ ‹‹يىجۇ ››ئەسىر قىزىل ئۈزۈم ھارىقى بىلەن ‹‹يىجۇ››نەپىس قىزىل ئۈزۈم ھارىقى ئو ت م نىڭ مەخسۇس ئىچىملىكى قىلىندى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قورغاس، چاپچال، غۇلجا ناھىيىسى ۋە يېزا ئىگىلىك 4 – شىسىنىڭ بىر قىسىم تۇەن – مەيدانلىرىدىكى ئۈزۈملۈك كۆلىمى 50مىڭ مودىن ئاشتى. يېزا ئىگىلىك 4 – شى 70 – تۇەن – مەيدانى ھاراق زاۋۇتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ‹‹يىجۇ››ئۈزۈم ھارىقى دۆلەتنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىگە يېتىپ، ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن ‹‹شىنجاڭنىڭ يەرلىك ھارىقى›› دەپ ئەنگە ئېلىندى، شۇنىڭدەك يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن ‹‹سۈپەتلىك مەھسۇلات››دەپ تەرىپلەندى. 1999 – يىللىق جۇڭگو خەلقئارا يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمىسىدە ‹‹يىجۇ›› ئۈزۈم ھارىقى داڭلىق مەھسۇلات نامىغا، 2006 – يىلى ئاسىيا قىتئەسى ئۈزۈم ھارىقى مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا، بۇلتۇر ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە ئالاھىدە مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
|