|
مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 22 كەسىپ ۋاسىتىچىلىكى ئاپپاراتىنى يىللىق تەكشۈرۈشتە، ئالتە كەسىپ ۋاسىتىچىلىكى ئاپپاراتى ‹‹يىللىق تەكشۈرۈش ئۆتكىلى››دىن ئۆتەلمەي، ئۇلارنىڭ يىللىق تەكشۈرۈش نەتىجىسى لاياقەتسىز چىققان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئالتە لاياقەتسىز كەسىپ ۋاسىتىچىلىكى ئاپپاراتى: ئۈرۈمچى ‹‹چېڭشىن›› ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشقا تونۇشتۇرۇش ئورنى، شىنجاڭ ‹‹تيەنشىن›› باغۋەنچىلىك قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتىنىڭ ‹‹تيەنيۈەن›› ئىشقا تونۇشتۇرۇش ئورنى، ئۈرۈمچى ‹‹جېنجى›› ئىقتىساد – سودا ئۇچۇرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشقا تونۇشتۇرۇش ئورنى، ئۈرۈمچى ‹‹جېنجى›› ئىقتىساد – سودا ئۇچۇرى چەكلىك شىركىتىنىڭ يېڭى ‹‹جۇڭنەن›› بېكىتى ئىشقا تونۇشتۇرۇش ئورنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ‹‹جۇمىن›› ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشقا تونۇشتۇرۇش ئورنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ‹‹يۈنتۇڭ›› تاشيول ترانسپورتى كەسپىي – تېخنىكا تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ ئىشقا تونۇشتۇرۇش ئورنى ئىكەن.
|