|
ئاپتونوم رايوننىڭ 2008 – يىللىق مەمۇرلۇققا قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى 21 – ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە تۇنجى قېتىم ئېچىۋېتىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار نازارىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوندىن ئارتۇق ئاخبارات ۋاسىتىسىدىن كەلگەن 20 گە يېقىن مۇخبىرنى ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش نەق مەيدانىنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلدى.
مەمۇرلۇققا قوبۇل قىلىش يازمىچە ئىمتىھانىنىڭ قەغىزىنى تەكشۈرۈش قولدا تەكشۈرۈش بىلەن كومپيۇتېردا تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇلدا ئىشلىنىدىكەن، ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈۋاتقان ئون نەچچە ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئالدىغا پېچەتلەنگەن دەستە – دەستە ئىمتىھان قەغىزى قويۇلغان بولۇپ، ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ئىمتىھان قەغىزىدىكى بىر سوئالنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل ئىكەن، بىر ئىمتىھان قەغىزىنى نەچچە ئوقۇتقۇچى تەكشۈرۈپ چىققاندىن باشقا، يەنە قايتا تەكشۈرۈپ بېكىتىش گۇرۇپپىسى نومۇر قويۇش ئۆلچىمى بويىچە ئىمتىھان قەغىزىنى قايتا تەكشۈرۈپ چىقىدىكەن. ئەگەر ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا بىر سوئالدا نومۇر خاتالىقى كۆرۈلسە، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش خادىملىرى ئىمتىھان قەغىزىنى قايتا تەكشۈرۈپ، خاتالىقنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار نازارىتى كادىرلار ئىمتىھان مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى يەن مۇنداق دېدى: ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل ئوقۇتقۇچىلار ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردىن تاللانغان مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار بولۇپ، كادىرلار ئىمتىھان مەركىزى قەغەز تەكشۈرۈشكە قويۇلغان ھەر بىر ئوقۇتقۇچى بىلەن مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالىدى، دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئاساسىدا، ئىمتىھان قەغىزىگە بىر تۇتاش نومۇر قويۇش ئۆلچىمى قوللىنىلدى، ئۆلچەمنى بىر تۇتاش ئىگىلەش، ئۇلاشما مەشغۇلات قىلىشنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش يېپىق ھالەتتە ئىشلەندى، شۇنىڭدەك ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا سوئالنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل كىشى جاۋاب قەغىزىدىن ئايرىلماسلىق، جاۋاب قەغىزى مەسئۇل كىشىدىن ئايرىماسلىق ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ نەتىجىسىنى ئۈچ قېتىم تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن، ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارماقلىرىنىڭ خادىملىرى ئىمتىھان قەغىزىنى نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى بۇ قېتىمقى ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي جەريانىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ.
بۇ قېتىم ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتناشقان ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى يوڭ شاۋيۈ: ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ئوقۇتقۇچىلار 16 – ئىيۇلدىن باشلاپ پۈتۈنلەي يېپىق ھالەتتە ئىشلەشكە باشلىدۇق، يان تېلېفوننىمۇ يۇقىرىغا تاپشۇردۇق، دېدى.
ئاپتونوم رايوننىڭ 2008 – يىللىق مەمۇرلۇققا قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى 12 – ، 13 – ئىيۇل ئېلىندى، ئاپتونوم رايونىمىزدىن جەمئىي 64 مىڭ كىشى يازمىچە ئىمتىھانغا قاتناشتى.
|