|
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن 22 – ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايون بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەق مەيدانىغا بېرىپ، خىزمەتچىلەردىن ھال سورىدى ۋە مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى بىر تۈرلۈك ‹‹ئەلرايى قۇرۇلۇشى››، بۇنىڭغا پۈتكۈل جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدۇ، مەسئۇلىيەت ئېغىر، جەزمەن ئادىل، ھەققانىي ۋە ئاشكارا بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇڭلار.
ئەركىنجان تۇراخۇن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ ئومۇمىي جەريانىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ سۈرۈشتۈرۈش – كۈتۈۋېلىش پونكىتىغا كېلىپ، ئەھۋال ئىگىلىدى. ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى مەسئۇلىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ مۇھىم تەرىپى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ‹‹قۇياش نۇرى قۇرۇلۇشى››نى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى تېخىمۇ ئاشكارا قىلىش كېرەك. تەشۋىقات سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى تۈرلۈك ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا – ئانىلارغا ئەھۋالنى بىلدۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ نازارەتچىلىكىنى كەڭ دائىرىدە قوبۇل قىلىش كېرەك؛ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش جەريانىدا، ئادىل بولۇش پرىنسىپىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا، جەمئىيەتكە مەسئۇل بولۇپ، دۆلەت ئۈچۈن لاياقەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تاللاش كېرەك؛ ئەھۋال سۈرۈشتۈرگىلى كەلگەن ئاممىنى كۈتۈۋېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئوقۇغۇچىلار، ئاتا – ئانىلاغا ئەھۋال چۈشەندۈرۈشتە قىزغىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ گۇمانىنى تۈگىتىپ، خەلقنى، پارتكوم، ھۆكۈمەتنى خاتىرجەم قىلىش كېرەك؛ بارلىق خىزمەتچىلەر سىياسىي سەزگۈرلۈك، ئومۇمىيەت ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى قەتئىي دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئىشلەپ، ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ چىڭ، قاتتىقلىقىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.
|