|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى خەۋىرى. قۇرغاقچىلىق سەۋەبىدىن ئوت – چۆپلەر قۇرۇپ كەتتى. شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا ئوتلاقلار زور مىقداردىكى چارۋا مالنىڭ ئوتلىشىنى كۆتۈرەلمىگەچكە، ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي قاتارلىق چوڭ چارۋىچىلىق رايونلىرى ئارقا – ئارقىدىن تەدبىر قوللىنىپ، قوي، كالىلارنى قوتاندىن چىقىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوتلاقنىڭ بېسىمىنى يېنىكلەتتى، بۇنىڭ بىلەن بازاردا قوي، كالا گۆشىنىڭ باھاسى زور دەرىجىدە چۈشتى.
18 – ئىيۇل ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا ھەر كىلوگرام قوي گۆشىنىڭ باھاسى 24 يۈەنگە چۈشتى، تارباغاتاي ۋىلايىتىدە 24 يۈەن، ئىلى ئوبلاستىدا 25 يۈەن، ئالتاي ۋىلايىتىدە 30 يۈەن بولدى. بىراق، يېقىندا يۇقىرىقى جايلاردا قوي گۆشىنىڭ باھاسى ئىزچىل يۇقىرى بولۇپ كەلگەنىدى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھەر كىلوگرام قوي گۆشىنىڭ باھاسى ئىزچىل ئۆرلەپ 34 يۈەنگە چىققانىدى، شۇنداقلا ئالتاي ۋىلايىتىدە ھەر كىلوگرام قوي گۆشىنىڭ باھاسى 40 يۈەندىن ئېشىپ كەتكەنىدى.
شىنجاڭ چوڭ چارۋىچىلىق رايونى، قوي گۆشى باھاسىنىڭ ئىزچىل يۇقىرى بولۇشى ئىستېمالچىلارنى ناھايىتى قىينىغانىدى. 6 – ئاي كىرگەندىن كېيىن، قوي گۆشىنىڭ باھاسىدا تۆۋەنلەش ھالىتى شەكىللىنىپ، غۇلجا شەھىرى، تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا قوي گۆشى كۆپلەپ بازارغا سېلىندى، بۇنىڭ بىلەن باھا چۈشۈشكە باشلىدى. غۇلجا شەھىرىدە ھەر كىلوگرام قوي گۆشىنىڭ باھاسى بىر مەزگىل 14 يۈەنگە چۈشۈپ قالدى، شۇڭا شەھەر ئاھالىسى بۇنى نەچچە يىللاردىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەڭ تۆۋەن باھا بولدى، دېيىشتى.
بۇ يىل شىمالىي شىنجاڭدا ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتى بولغاچقا، قوي گۆشىنىڭ باھاسى ئۇدا تۆۋەنلىدى، لېكىن كىشىلەر بۇنىڭدىن ئانچە خۇشال بولۇپ كەتمىدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش – قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق شتابى تەمىنلىگەن قۇرغاقچىلىق ئەھۋالى توغرىسىدىكى ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ھازىرغىچە شىنجاڭدا 280 مىليون مو ئوتلاقتا ئېغىر قۇرغاقچىلىق بولۇپ، تەبئىي ئوتلاقلار ۋە ئوت – چۆپ مەيدانلىرىدا ئوت – چۆپ مىقدارى ئومۇميۈزلۈك % 30 تىن % 40 كىچە ئازىيىپ كەتكەن، 12 مىليون چارۋا مالنى نورمال باققىلى بولمىغان.
قوتاندىن توپ چىقىرىشنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭدا قوي گۆشى بىلەن تەمىنلەش يوقىرى دولقۇن باسقۇچىغا كىرىپ، باھا چۈشتى. بىراق كەسپىي زاتلار: كىلىمات سەۋەبىدىن چارۋا ماللارنى قوتاندىن بىنورمال چىقىرىش قىشتا قوي گۆشى بىلەن نورمال تەمىنلەشكە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا قىشتا قوي گۆشى باھاسىنىڭ ئۇچقاندەك ئۆرلىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، دەپ ئەنسىرىمەكتە.
|