باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
بىر يۈرۈش ئىقتىسادىي ئۇچۇرلار
2008- 07- 24 12:35 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسسىسى خەۋەرلەر تورى

      ● ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە ، 2008–يىللىق ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ ئومۇمىي گەۋدە خىزمەت لايىھىسىدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مۇناسىۋەتلىك خىراجەتلەر بويىچە ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى بېكىتكەن . بۇنىڭ ئىچىدە  ئەسلىدىكى ھەر بىر يايما ئورنى ئۈچۈن ئېلىنىدىغان 500 يۈەن ھەق 400 يۈەنگە تۆۋەنلىتىلگەن .

      ● جۇڭگو نېفىت تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جۇ جىپىڭ يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى:‹‹ بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ، ئېكسپورت قاتتىق كونتىرول قىلىنىپ ، تەييار ماي ئىشلەپچىقىرىش ، توشۇش ، سېتىشنى ماسلاشتۇرۇش يەنىمۇ كۈچەيتىلىدۇ ، بايلىق مەنبە ئىمپورتىنى ياخشى تەشكىللەپ ، دۆلەت ئىچى نېفىت ، تەبىئىي گاز بازىرى تەمىنلىشىنىڭ مۇقىملىقىغا داۋاملىق كاپالەتلىك قىلىنىدۇ››.

     ● مەركىزىي بانكا تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان 2008–يىلى ئالدىنقى يېرىم يىللىق پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىدا كۆرسىتىلىشىچە ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ، دۆلىتىمىز پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ ئومۇمىي گەۋدە ئايلىنىشى مۇقىم بولغان . 6–ئايدا ، بانكىلار ئارا بازار زايومنىڭ تارقىتىلىش مىقدارى 5–ئايدىكىدىن ئازراق ئاشقان .  قىسقا ، ئوتتۇرا مەزگىللىك زايوملارنىڭ تارقىتىلىش نىسبىتى بەلگىلىك ئاشقان ؛ پۇل بازىرى ئۆسۈم نىسبىتى ئۆرلىگەن ، ئوخشاش كەسپلەر ئارا ئېلىم–بېرىم مىقدارى 5–ئايدىكىدىن ئازراق ئازلىغان ، زايومنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش مىقدارى بەلگىلىك ئاشقان؛ نەق چەك سودىسىدا پۈتۈشۈش مىقدارى بەلگىلىك ئازلىغان ، بانكىلار ئارا زايوم كۆرسەتكۈچى ۋە سودا بېرژىلىرىدىكى دۆلەت زايومى كۆرسەتكۈچى بىردەك تۆۋەنلەپ ، دۆلەت زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى ئومۇمىي گەۋدە بويىچە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن؛ پاي كۆرسەتكۈچى سىجىل تۆۋەنلىگەن ، پاي بازىرىدا پۈتۈشۈش مىقدارى ئازايغان . ئىگىلىنىشىچە ، 2008–يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ، بانكىلار ئارا زايوم بازىرىدا جەمئى 997 مىليارد 560 مىليون يۈەنلىك زايوم تارقىتىلىپ ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.84 كۆپ بولغان .

     ● ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە ، دۆلىتىمىزنىڭ زايومنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مىقدارى تۇنجى قېتىم 14 تىرىلىيون يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلدىن ئۆتكەن . بۇنىڭ ئىچىدە بانكىلار ئارا زايوم بازىرىدا ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مىقدارى 13 تىرىلىيون 740 مىليارد يۈەن ، سودا بېرژىلىرىنىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مىقدارى 410 مىليارد يۈەن بولۇپ ، دۆلىتىمىزنىڭ زايومنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مىقدارى جەمئى 14 تىرىلىيون 150 مىليارد يۈەنگە يەتكەن .

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ