|
ئىگىلىنىشىچە ، خەلقئارا بازاردا ئاشلىقنىڭ باھاسى ئۆسۈۋالغاچقا ، بەزىلەر كۆپ خىل ۋاستىلەر بىلەن ئاشلىق ئەتكەسچىلىكى قىلىشقا ئۇرۇنغان بولۇپ ، ئۈرۈمچى تاموژنىسى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتكەچكە ، كۆپ قېتىملىق گۈرۈچ ئەتكەسچىلىكى دېلوسىنى پاش قىلغان .
بۇ تاموژنا ھازىرغىچە گۈرۈچ قاتارلىق ئاشلىق ئەتكەسچىلىكى دېلوسىدىن 38 نى تەكشۈرۈپ پاش قىلىپ ، 400 توننىدىن ئارتۇق گۈرۈچ ، بەش توننىدىن ئارتۇق ئۇن ، 200 كولگرام ياغنى قولغا چۈشۈرگەن .
ئەتكەسچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى شوپۇرلار بولۇپ ، ئۇلار ئاساسلىقى ئاپتوموبىلنى رېمونت قىلدۇرۇپ كېلىش ، ماي قاچىلاپ كېلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ، ئاشلىقنى كابىنكا ئىچى ، سايمان ساندۇقى ۋە يوشۇرۇن ساندۇقلارغا قاچىلاپ چېگرىدىن ئۆتكۈزۈپ كەتمەكچى بولغان . تورغات ، ئەركەشتام ، قارا سۇ چېگرا ئېغىزلىرىدا ئاشلىق ئەتكەسچىلىكى بىر قەدەر كۆپ بايقالغان .
|