باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئايرودورملار ئىككى قېتىم بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشنى باشلىدى
2008- 07- 24 10:40 ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

      شىنجاڭ ئايرودورم(گۇرۇھ) شىركىتى قارىمىقىدىكى ئىشلىتىلىۋاتقان 12 ئايرودورم 20–ئىيۇلدىن باشلاپ پەۋقۇلئاددە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش تەدبىرىنى يولغا قويۇپ ، ئايرودورم كۈتۈش بىناسىغا كىرگەن بارلىق يولۇچىلار ۋە خىزمەتچىلەرنى ئىككى قېتىم تەكشۈرۈشنى يولغا قويدى .

      ئىگىلىنىشىچە ، بۇ ئايروپورت 18–ئىيۇلدىن باشلاپ ئىككى قېتىم بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش تەدبىرىنى سىناق يولغا قويۇپ ، كۈتۈش بىناسىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئۆتكىلىنى كۆپەيتكەن .

      ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدىكى ئالاقىدار خادىم مۇنداق دېدى :‹‹بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى ھەر بىر يولوچىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈندۇر . شۇڭا يولۇچىلارنىڭ چۈشىنىشىنى ۋە قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز . كۈتۈش بىناسىغا كىرىدىغان بارلىق يولۇچىلار تەكشۈرۈلىدىغانلىقتىن ، يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە ئۆچىرەتتە تۇرۇشى مۇمكىن . شۇڭا يولۇچىلار ئايروپىلان ئۇچۇشتىن ئىككى سائەت ئىلگىرى يېتىپ كېلىپ ، ئايروپورت خادىملىرىنىڭ ھەمكارلىشىپ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى ، ئايروپىلانغا كېچىكىپ قالماسلىقى لازىم›› .   

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ