|
18–ئىيۇل ، ئۆتكۈزۈلگەن 3–نۆۋەتلىك قار لەيلىسى مۇنبەر مۇھاكىمىسىدىن ئىگىلىنىشچە ، بۇنىڭدىن كېيىن ، ئاپتونوم رايونىمىز قار لەيلىسىنى سۈنئىي يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇرمىغان قار لەيلىسى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىغا قار لەيلىسى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى تارقىتىپ بەرمەيدىكەن .
تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، بۇنىڭدىن كېيىن ، ياۋا قار لەيلىسى بايلىقىنى قانۇن بويىچە قوغداش ، سۈنئىي يېتىشتۈرۈش ، مۇۋاپىق ئېچىش قاتارلىقلارنى ئۆز–ئارا بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت باشقۇرۇش شەكلى يولغا قويۇلۇپ ، قار لەيلىسى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلاردىن قار لەيلىسى يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇرۇش تەلەپ قىلىنىدىكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، ئاپتونوم رايونىمىزدا قار لەيلىسى بايلىقىنى قالايمىقان ئېچىش ئەھۋاللىرى گەۋدىلىك بولغانلىقتىن ، قار لەيلىسى يىلمۇ يىل ئازايغان .
|