باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
ئۇلار بىلىمى ۋە تەجرىبىسىنى قالدۇرۇپ كەتتى
2008- 07- 24 10:15 شىنجاڭ گېزىتى

 ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلارنىڭ شىنجاڭدىكى خىزمەتلىرى توغرىسىدا (5)

    بىر يىلدىن بۇيان قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق دوختۇرخانىنىڭ نەپەس يوللىرى كېسىلى بۆلۈمىدىكى دوختۇرلارنىڭ دىئاگىنوز قويۇش – داۋالاش سەۋىيىسى ئۆستى، CT لېنتىسىنى ئانالىز قىلىش، نەپەسلەندۈرۈش ئەسۋاپى، قان ئانالىز قىلىش ئەسۋابى قاتارلىق ئەسۋاب – ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىش ئىقتىدارى ئاشتى. دوختۇرلار، سېسترالار بۇنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر جاڭ شياۋخۇانىڭ يېتەكچىلىكى، ياردىمىدىن ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىشىدۇ.

    جاڭ شياۋخۇا 2006 – يىل 14 – ئاۋغۇست كەسپىي كىتابلار لىق قاچىلانغان بىر ساندۇقنى ئېلىپ، لياۋنىڭ جۇڭگو تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 2 – دوختۇرخانىدىن قىزىلسۇ ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىغا كەلدى، ئۇ خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ كەسپىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا ۋە ئىچكى كېسەللەر 1 – بۆلۈمىنىڭ مۇدىرىلىقىغا تەيىنلەندى.

     مېنى مۇشۇنداق مۇھىم ئورۇنغا قويغانلىقى دوختۇرخانىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىدىكى كەسپىي – تېخنىكا كادىرلىرىغا دانىشمەنلەرگە تەشنا بولغاندەك تەشنا بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. مەن خىزمەت داۋامىدا نۇرغۇن تۈزۈمنى ئىسلاھ قىلىش، ئەسۋابلاردا مەشغۇلات قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش، داۋالاش تېخنىكىسى جەھەتتىن يېتەكلەش، ياردەم قىلىش، ئۆگىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى نىشانىمنى بەلگىلىۋالدىم  دېدى ئۇ بىزگە ئەينى چاغدىكى ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بېرىۋېتىپ.

    ئۇ ئالدى بىلەن نەپەس يوللىرى كېسىلى بۆلۈمىدە لېكسىيە سۆزلىدى، دەسلەپتە 10 نەچچە ئادەم قاتناشقان بولسا، كېيىنچە دوختۇرخانىدىكى بارلىق دوختۇر، سېسترا قاتناشتى. بۇلتۇرنىڭ باشلىرىدا بۇنداق تەربىيىلەشنى دوختۇرخانىنىڭ بارلىق بۆلۈملىرىگە كېڭەيتتى.

    جاڭ شياۋخۇا دوختۇرلارنىڭCT  لېنتىسىنى ئانالىز قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، لېنتا كۆرۈشنى كۈندىلىك ياتاق تەكشۈرۈش، بۆلۈمدە لېكسىيە سۆزلەش، مۇرەككەپ كېسەللەرنى تەكشۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈردى. بىر مەزگىل مۇشۇنداق يېتەكلىگەندىن كېيىن، دوختۇرلارنىڭCT  قاتارلىق تەكشۈرۈشلەرنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشى بىلەن لېنتىلارنى ئانالىز قىلىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، خاتا دىئاگنوز قويۇلۇش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى.

    جاڭ شياۋخۇا  شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە بىر يىل ۋاقىتنىڭ بەكمۇ قىسقىلىقىنى، نۇرغۇن ئويلىرىنى ئىشقا ئاشۇرالمىغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ بىزگە:

     ھازىر قىلىشنى ئەڭ بەك ئارزۇ قىلىدىغىنىم شۇكى، ئىش ئورنىنى ۋە خادىملارنى بېكىتىش بىلەن ئۈچ دەرىجىلىك ياتاق تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش شۇنىڭدەك ھەر كۈنلۈك ياتاق تەكشۈرۈشتە يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇنۋانى بار دوختۇرلار ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇنۋانى بار دوختۇرلار بىلەن كېسەلخانا دوختۇرلىرىنى يېتەكلەشنى يولغا قويۇش. مۇشۇنداق قىلىشتا چىڭ تۇرغاندىلا، دوختۇرخانىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيىسى چوقۇم ئۆسىدۇ – دېدى.

    جاۋ شىبىن 2005 – يىلى 5 – تۈركۈمدىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار قاتارىدا خېنەننىڭ لوياڭ شەھىرىدىن شايارغا كەلدى، ئۇ رادىئو – تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل بولدى. شايار ناھىيىلىك رادىئو – تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىر خەۋىرى 2006 – يىلى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر›› پروگراممىسىدا كۆرسىتىلدى. ئارقىدىن ئۇلارنىڭ تۆت ئەسىرى ئاقسۇ ۋىلايىتى ھەم شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى كەسىپداشلارنى ھەيران قالدۇردى. شايار ناھىيىلىك رادىئو – تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بەش خەۋىرى دۆلەت دەرىجىلىك ئاخبارات ۋاسىتىسىدە ئېلان قىلىندى.

    شايار ناھىيىلىك رادىئو – تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىر مۇخبىرى بىزگە: بۇلارنى ئىستانسا باشلىقى جاۋ شىبىننىڭ يېتەكچىلىكىدە تاماملىدۇق،  –  دېدى. جاۋ شىبىن مۇخبىرلار، مۇھەررىرلەرنىڭ كەسپىي ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئىستانسىدا ھەر ھەپتىدە ئاخبارات تېمىلىرىنى تاللاش ۋە ئاخبارات ئەسەرلىرىنى باھالاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، بەسلىشىش، ئۆگىنىش، يېتىشىۋېلىش، ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مۇخبىرلار بىلەن مۇھەررىرلەرنىڭ باھالاش داۋامىدا مەسىلىلەرنى تېپىش، پەرقلەرنى تېپىشىغا تۈرتكە بولدى. شايار ناھىيىلىك رادىئو – تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىر خادىمى مۇنداق دېدى:

     مۇخبىرلارنىڭ ۋە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى باشقا خادىملارنىڭ كەسپىي سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئىستانسا باشلىقى جاۋ شىبىن كۆپ ئەجىر قىلدى، بىز ئۇنىڭغا قايىل.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ