|
8 –ئىيۇل ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار نازارىتىدىن ئىگىلىشىمچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2008 – يىللىق جەمئىيەتتىن ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ مەمۇرلۇققا قوبۇل قىلىشنى تىزىملاش خىزمىتى ئاياغلاشقان، جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنغان 3707 ئورۇندىن 187 ئورۇنغا ھېچكىم تىزىملاتمىغان.
ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار نازارىتى مەمۇرلارنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لى جۈن مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىدىغان 3707 ئورۇنغا 5458 مەمۇرنى قوبۇل قىلىدۇ، توردا تىزىمغا ئالدۇرغان 64 مىڭ 100 كىشى مۇشۇ 3707 ئورۇننى تالىشىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بىلەن قوبۇل قىلىنغۇچىلارنىڭ نىسبىتى 1:11 بولىدۇ. ھازىر ئىمتىھانغا تىزىملاتقۇچىلارنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش ئەھۋالىدىن قارىغاندا 428 ئورۇنغا ھېچكىم تىزىملاتمىغان. ‹‹قوبۇل قىلىش نىزامنامىسى›› دىكى: بىر كىشى خىزمەت ئورنىنىڭ شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىككى ئارزۇنى، يەنى ئىمتىھان بېرىش ئارزۇسى بىلەن تەڭشىلىدىغان ئارزۇسىنى تولدۇرسا بولىدۇ، دېگەن بەلگىلىمە بويىچە تەڭشەلگەندىن كېيىنمۇ 187 ئورۇن بوش قالدى.
تىزىملىتىدىغانلار چىقماسلىق تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەس
لى جۈن مۇنداق دېدى: خىزمەت ئورنىغا تىزىملىتىدىغانلار چىقماسلىق تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەس، ئىلگىرىمۇ كۆرۈلگەن. بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى كۆپ، ئىنچىكە ئانالىز قىلساق، ئاساسىي جەھەتتىن مۇنداق ئىككى نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: بىرىنچى، مەلۇم شەرت قويۇلغان بەزى كەسىپلەر قىس كەسىپ ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن: سىياسى – قانۇن ئورگانلىرىغا كېرەكلىك قانۇن دوختۇرى، تور رازۋېدكىچىسى، ئىز تەكشۈرگۈچى قاتارلىقلار؛ يەنە ئوردۇ تىلى، ئەرەب تىلى قاتارلىق تۈردىكى كەسىپلەر، بۇ خىلدىكى كەسىپلەردە ئىشلەيدىغانلار مەملىكەت بويىچە ئاز بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردىمۇ بۇ كەسىپلەر ئاساسىي جەھەتتىن تەسىس قىلىنمىغان؛ ئىككىنچى، تەسىس قىلىنغان بەزى خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولغاچقا، قوبۇل قىلىش شەرتى بىر قەدەر يۇقىرى. مەسىلەن: ئادەتتە قوبۇل قىلىنىدىغانلارنىڭ ھەممىسى بۆلۈم ئەزاسى، ۋەھالەنكى ئاپتونوم رايونلۇق پەن – تېخنىكا نازارىتىدە بۇ قېتىم خادىم قوبۇل قىلىدىغان خىزمەت ئورنىدىن ئىككىسى بولۇپ، ئۇلار مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسىدىن بىرنى، مۇئاۋىن مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسىدىن بىرنى قوبۇل قىلىدىكەن، شەرتىمۇ يۇقىرى بولۇپ، ئاسپىرانتلارنى قوبۇل قىلىدىكەن، كەسىپ چەكلىمىسىگە قويغان تەلىپىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، قوبۇل قىلىنغان خادىملار ئىش ئورنىغا چىققاندىن كېيىن، پەن – تېخنىكا تۈرى تەسىس قىلىش، مۇلازىمەتنى باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شوغۇللىنىدىكەن. مەلۇم ئاساسى بولۇش، كەسپىي شەرتكە ئۇيغۇن كېلىش قاتارلىق تەلەپلىرى يۇقىرى بولغاچقا، بۇ خىلدىكى خىزمەت ئورۇنلىرىغا تىزىملىتىدىغانلار چىقمىغان.
قىزىق نۇقتا ھېسابلىنىدىغان خىزمەت ئورۇنلىرى بوش قالغان
ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار نازارىتى تەمىنلىگەن بوش قالغان خىزمەت ئورۇنلىرىنى ستاتىستىكا قىلىش جەدۋىلىدىن قارىغاندا، بوش قالغان 187 ئورۇن ئاساسلىقى سىياسى – قانۇن ئورگانلىرى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا مەركەزلەشكەن. ۋەھالەنكى ئاپتونوم رايوننىڭ باج سىستېمىسى، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش سىستېمىسى، سۈپەت نازارەتچىلىكى سىستېمىسى قاتارلىق كىشىلەر نەزەرىدە قىزىق نۇقتا ھېسابلىنىدىغان كەسىپلەردىمۇ خېلى كۆپ بوشلۇق كۆرۈلگەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىمۇ بەش ئورۇن بوش قالغان، لېكىن ئۈرۈمچى شەھىرى، ئالتاي ۋىلايىتى، شىخەنزە شەھىرى قاتارلىق جايلاردا خىزمەت ئورنى بوش قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلمىگەن.
ئوقۇش تارىخى، كەسىپكە قويۇلىدىغان شەرتى ئانچە يۇقىرى بولمىغان خىزمەت ئورۇنلىرىغا تىزىملىتىدىغانلار بىر قەدەر كۆپ بولغان، ئەكسىچە، ئوقۇش تارىخىغا يۇقىرى تەلەپ قويۇلغان خىزمەت ئورۇنلىرىغا ھېچكىم تىزىملاتمىغان. بۇ قېتىم بوش قالغان بىر قانچە خىزمەت ئورنىغا ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخى تەلەپ قىلىنغان، شۇنىڭدەك كەسىپ جەھەتتىمۇ كونكرېت تەلەپ قويۇلغان، شۇڭا خىزمەت ئورنى ناھايىتى ياخشى بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا بوش قالغان. 3707 ئورۇن ئىچىدە، ئۈرۈمچى ناھىيىسى يۇڭفېڭ يېزىسى پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسىنىڭ بۆلۈم ئەزاسى ئورنىغا تىزىمغا ئالدۇرىدىغانلارنىڭ سانى ھەممىدىن كۆپ بولۇپ، بۇ ئورۇنغا قوبۇل قىلىنىدىغان سان بىر بولسىمۇ، لېكىن 600 گە يېقىن كىشى تىزىملاتقان.
قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ ئاشكارا، باراۋەر،ئادىل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ
لى جۈن مۇنداق دېدى: ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ناھايىتى كەسكىن خىزمەت. ھازىر مەمۇرلۇققا قوبۇل قىلىشتا <ئاۋۋال ئىمتىھاندىن ئۆتۈش>›› جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار نازارىتى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش – مەمۇرىي تەپتىش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلار زىچ ھەمكارلىشىپ، ئىلگىرىكى يىللاردىكى خىزمەت تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، ھەر قايسى ھالقىلارنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇردى. بۇ يىل تېخىمۇ كەسكىن تەدبىر قوللىنىلىپ، قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ ئاشكارا، باراۋەر، ئادىل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
لى جۈن: ھازىر جەمئىيەتتە ئايرىم ساندىكى كىشىلەر خىزمەتچى خادىم سىياقىغا كىرىۋېلىپ، كۆز بويامچىلىق قىلىۋاتىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز، دېدى.
|