|
شەھەرنىڭ سۇ چىقىرىۋېتىش تۇرۇبىسىدىن پاسكىنا سۇغا ئارىلىشىپ تۈرلۈك تۇرمۇش ئەخلەتلىرىمۇ ئاقىدىغان بولۇپ قالدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتۇن زەنجىر، ئالتۇن ئۈزۈكلەرمۇ بار. 4 – ئايدا باشلانغان شەھەر مەمۇرىيىتى سۇ چىقىرىۋېتىش تۇرۇبا لىنىيىسىنى تازىلاش خىزمىتى جەريانىدا ھازىرغا قەدەر تەخمىنەن 570 كۇب مېتىر ئەخلەت سۈزۈۋېلىندى.
3 – ئىيۇل، ئۈرۈمچى سۇ ئىشلىرى گۇرۇھى سۇ چىقىرىۋېتىش شىركىتى ئەسلىھە 1 – ئورنىنىڭ ئىشچىسى پىژغىرىم ئىسسىقتا ئۇزۇن ساپلىق ئىلمەك بىلەن ئەۋرەز قۇدۇقىدىن ئەخلەت سۈزۈۋاتقان ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەۋرەز قۇدۇقىدىن سۇلياۋ خالتا، توبا قاتارلىق ئەخلەتلەردىن باشقا بالون، ۋېلىسىپىت قاتارلىق چوڭ نەرسىلەرمۇ ئاقىدۇ.
سۇ ئىشلىرى گۇرۇھى سۇ چىقىرىۋېتىش شىركىتى ئەسلىھە 1 – ئورنىنىڭ باشلىقى دىياۋ خەييەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:
بۇ ھېچقانچە ئىش ئەمەس، تازىلاش جەريانىدا ئالتۇن زەنجىر، ئالتۇن ئۈزۈكمۇ سۈزۈۋېلىندى. بۇ يىل ‹‹دۆلەت قۇرۇش يولى››دا سۇ چىقىرىۋېتىش تۇرۇبىسىنى تازىلاۋاتقاندا، بىر ئايال ئېھتىياتسىزلىقتىن ئالتۇن زەنجىرىنى ئەۋرەز يولىغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى، لاي – لاتقا تازىلاش جەريانىدا ئىزدەپ بېقىشىمىزنى تەۋسىيە قىلغانىدى، لېكىن شۇ كۈندىكى تازىلاشتا ئالتۇن زەنجىر بايقىمىدۇق.
ئىش ئۆتۈپ بىر ئايدىن كېيىن، ئۇلار بۇ يەرگە يەنە بىر قېتىم كېلىپ ئەۋرەز يولىنى راۋانلاشتۇرۇۋاتقاندا، لاي – لاتقىغا مىلىنىپ كەتكەن بىر زەنجىر ئۇلارنىڭ ئۈسكۈنىسىگە ئىلىنىپ چىققان، يۇيۇپ قارىسا، ئالتۇن زەنجىر ئىكەن، بۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك ھېلىقى ئايالنىڭ ئىز – دېرىكىنى قىلىپ تاپقاندىن كېيىن، زەنجىرنى قايتۇرۇپ بەرگەن.
دىياۋ خەييەن مۇنداق دېدى: ھەر يىلى ئەتىيازدا ئەۋرەز يوللىرىنى تازىلىغاندا بەك ئالدىراش بولۇپ كېتىمىز، قىش ئۆتۈپ قار – مۇزلار ئېرىگەندە، يامغۇر ياغقاندا، دەرەخ يوپۇرماقلىرىغا ئوخشاش ئۇششاق – چۈششەك نەرسىلەر سۇ چىقىرىۋېتىش تۇرۇبىسىغا ئېقىپ كىرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بەزى كىشىلەر ھۇرۇنلۇق قىلىپ پاسكىنا سۇ بىلەن ئەخلەتنى قوشۇپلا تەكشۈرۈش قۇدۇقىغا تۆكۈپ قويىدۇ، ھەر يىلى قەرەللىك تازىلىغاندا، قۇدۇقنىڭ ئەخلەت بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكىنى بايقايمىز.
ئىگىلىنىشىچە، مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىنىڭ سۇ چىقىرىۋېتىش تۇرۇبا لىنىيىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 770 كىلومېتىردىن ئاشىدىكەن، تەخمىنەن 24 مىڭ ئەۋرەز قۇدۇقى بار ئىكەن، بۇنىڭدىن باشقا، شەخسلەر ئۆزى ياسىۋالغان، كەنت ئۆزگەرتىپ ياسىغان 300 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان سۇ چىقىرىۋېتىش تۇرۇبا يولىمۇ سۇ چىقىرىۋېتىش شىركىتىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە ئىكەن. بۇ يىل 4 – ئايدىن 6 – ئايغىچە بۇ ئەۋرەز يوللىرىدىن تەخمىنەن 570 كۇب مېتىر ئەخلەت سۈزۈۋېلىنغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىللىق تازىلاش، رېمونت قىلىش خىزمىتى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنۈپ ئىشلىنىدىكەن. 1 – باسقۇچلۇق خىزمەت 4 – ئايدا باشلىنىپ 7 – ئاينىڭ ئاخىرى ئاياغلىشىدىكەن، 2 – باسقۇچلۇق خىزمەت 8 – ئايدا باشلىنىپ 11 – ئاينىڭ ئاخىرى ئاياغلىشىدىكەن.
سۇ چىقىرىۋېتىش شىركىتىنىڭ شۇجىسى جۇ گويى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھەر يىلى ئىككى قېتىم تازىلاش، راۋانلاشتۇرۇش ئارقىلىق ياز، قىش پەسلىدە سۇنى راۋان ئاققۇزۇشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
ھازىر، ئۈرۈمچىنىڭ سۇ چىقىرىۋېتىش تۇرۇبا يولىدىكى مەسىلىلەر كۆپىنچە تەڭرىتاغ رايونىدا كۆپ كۆرۈلۈۋاتىدۇ، كونىشەھەر رايونى بولغاچقا سۇ چىقىرىۋېتىش تۇرۇبا يوللىرى كونىراپ كەتكەن، دىيامېتىرىمۇ كىچىك، بەزى جايلاردىكى تۇرۇبىنىڭ دىيامېتىرى 100 – 250 مىللىمېتىرلا كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بەزى كىشىلەرنىڭ ساپاسى بەك تۆۋەن بولغاچقا ئەخلەتنى قالايمىغان تۆكۈۋېرىدۇ، ‹‹مىڭخۇا كوچىسى››، ‹‹باخۇلياڭ كوچىسى››، ‹‹يېڭى شەرق كوچىسى›› قاتارلىق جايلاردىكى تۇرۇبا يوللىرى داۋاملىق توسۇلۇپ قالىدۇ.
|