|
‹‹مەملىكەتلىك <ئىككىنى ھىمايە قىلىش>تىكى نەمۇنىلىك شەھەر›› دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن كورلا شەھىرىگە نام بېرىش ۋە سەپەرۋەرلىك يىغىنى 18 – ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاپپار ھەبىبۇللا يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.
جاپپار ھەبىبۇللا بىلەن شىنجاڭ ھەربىي رايونى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى ۋېيپىڭ كورلا شەھىرىگە ‹‹مەملىكەتلىك <ئىككىنى ھىمايە قىلىش>تىكى نەمۇنىلىك شەھەر›› دېگەن تاختىنى بەردى. جاپپار ھەبىبۇللا مۇنداق دېدى: كورلا شەھىرى ئۇدا تۆت قېتىم ‹‹مەملىكەتلىك <ئىككىنى ھىمايە قىلىش>تىكى نەمۇنىلىك شەھەر››لەر قاتارىغا كىردى، شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە شەھەردە تۇرۇشلۇق قىسىم ھەربىي – خەلق ئورتاق بەرپا قىلىش ۋە ‹‹ئىككىنى ھىمايە قىلىش››تىكى نەمۇنىلىك شەھەر قۇرۇش پائالىيىتىنى ۋاسىتە قىلىپ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ۋە قىسىمنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇشتەك بۇ تۈپ ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ھەربىي بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، كورلا شەھىرىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىنى ۋە قىسىمنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. شەھەردە تۇرۇشلۇق قىسىملار خەلقنى سۆيۈش، خەلققە مۇھەببەت باغلاش شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ياردەم قىلىپ، كورلا شەھىرىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئۇچقاندەك راۋاجلىنىشى، ئىناق تەرەققىياتى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇپ، خەلقنىڭ ھىمايىسى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشتى. كورلا شەھىرىنىڭ شەرەپنى قەدىرلەپ، مەغرۇرلانماي، ئالدىراڭغۇلۇقتىن ساقلىنىپ، يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم تۈزۈپ، ‹‹ئىككىنى ھىمايە قىلىش›› خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
‹‹ئاپتونوم رايونلۇق <ئىككىنى ھىمايە قىلىش>تىكى نەمۇنىلىك ناھىيە›› دېگەن نامغا ئېرىشكەن بۈگۈر ناھىيىسىگە نام بېرىش يىغىنى 17 – ئىيۇل چۈشتىن كېيىن بۈگۈر ناھىيىسىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاپپار ھەبىبۇللا قاتارلىق رەھبەرلەر يىغىنغا قاتناشتى.
|