|
17 – ئىيۇل، 7 – نۆۋەتلىك ‹‹جۇڭگودىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئون پىدائىي››نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان شامىل شاكىر شەرەپ قوچۇپ قايتىپ كەلدى.
شامىل شاكىر دۆلىتىمىزنىڭ داڭلىق يۇقىرى ئاۋازلىق ئۆزبېك ناخشىچىسى، دۆلەتلىك 1 – دەرىجىلىك ئارتىس، شىنجاڭ ھەربىي رايونى سىياسىي بۆلۈم ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئۇ جەمئىيەت ئېتىراپ قىلغان ئەخلاقلىق ۋە كەسىپتە يېتىلگەن، تۆھپە قوشۇش روھىغا ئىگە سەنئەتكار. 1997 – يىلىدىن ھازىرغىچە، شامىل شاكىر ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، كېسەل بولۇپ قالغان ياشلار – ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن 70 مەيدان (قېتىم)دىن كۆپ جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى خەير – ساخاۋەت ناخشا كېچىلىكى تەشكىللىدى، 100 مەيدان(قېتىم)دىن كۆپ تۈرلۈك ئىجتىمائىي جامائەت پاراۋانلىق پائالىيىتىگە خالىس قاتناشتى، 1 مىليون يۈەندىن كۆپ پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلدى.
|