باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
سۈرەتلىك خەۋەرلەر
2008- 07- 24 09:33 تەڭرىتاغ تورى

      * ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھۆسىيىن مەمىتىمىن خەۋىرى ، فوتوسى: 21–ئىيۇن ، يېڭىسار ناھىيىلىك مائارىپ خىزمەت كومىتېتى ناھىيە تەۋەسىدىكى ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن يىغىن ئېچىپ ، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلەن مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بىخەتەر، غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەكتەپ مۇدىرلىرى بىلەن مۇقىملىق، بىخەتەرلىك ۋە ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالىدى.

 ناھىيىلىك مائارىپ خىزمەت كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جوۋ يەن (سولدا) يېڭىيەر يېزلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى بىلەن مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالىماقتا

     * ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھۆسىيىن مەمىتىمىن خەۋىرى، فوتوسى: يېڭىسار ناھىيىسىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر 7–ئاينىڭ بېشىدىن 23–كۈنىگىچە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ‹‹ ئولىمپىكقا تەنتەنە ››، ‹‹ مۇقەددەس مەشئەل ››، ‹‹ ئولىمپىك مارشى ››قاتارلىق تېمىلاردا مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىيات–سەنئەت ، زېھىن سىناش ۋە « ئولىمپىك لوڭقىسى »نى تالىشىش تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزۈپ ، بېجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلەن مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ غەلبىلىك ئېچىلىشىغا قىزغىن تەنتەنە قىلدى.

 ناھىيىگە بىۋاستە قاراشلىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئۆتكۈزگەن ‹‹ئولىمپىك تەنتەنسى›› تېمىسىدىكى ئەدەبىيات–سەنئەت پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ