|
تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ كېڭەيگەنلىكى ، ھۆكۈمەتنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتقانلىقى ۋە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، زىياننى ئازايتىش تەدبىرلىرىنىڭ كۈچلۈك بولغانلىقىدىن ، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش مۇقىملىشىپ قالدى . 6 –ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يازلىق ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى 4 مىليون 940 مىڭ توننىغا يېتىپ ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1 مىليون 140 مىڭ توننا كۆپ بولدى .
ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە ، ئاپتونوم رايون بويىچە بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى 13 مىليون 110 مىڭ موغا يېتىپ ، %41 كۆپەيگەن . ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالتە چوڭ ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان رايوننىڭ بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى ئاپتونوم رايوننىڭ بۇغداي ئومۇمىي تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ %75 ىنى ئىگىلىگەن .
|