|
بۇ يىل 7–ئاي كىرگەندىن بۇيان ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆپ قىسىم جايلاردا تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولدى . يۇقىرى تېمپېراتۇرا سەۋەبىدىن ، ئۈرۈمچى، تۇرپان قاتارلىق جايلاردىكى شەھەر ئاھالىلىرى يېقىن ئەتراپتىكى ساياھەت ، دەم ئېلىش رايونلىرىغا بېرىپ سالقىنلىدى ۋە ئارام ئالدى . ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونى ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سۇ خې تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ يىل بىر قىسىم رايونلارنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تازا ئاۋات بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا سەۋەبىدىن داۋانچىڭ رايونىنىڭ ساياھەت كىرىمى ۋە ساياھەتچىلەرنى كۈتىۋېلىش سانى ئاشتى . بولۇپمۇ ، تۇزلۇق كۆلدە سۇ بىلەن داۋالاش تۈرىگە قاتنىشىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ بولدى . بوش تۇرغان نۇرغۇن ياتاقلار ئىجارىگە بېرىلدى . يىمەك–ئىچمەك مۇلازىمەت كەسپىدىن قىلىنغان كىرىممۇ كۆپەيدى›› .
ئىيۇل ئېيى كىرگەندىن بۇيان ، ئۈۈرۈمچى شەھەر رايونىغا 60 كىلومېتىر كېلىدىغان نەنسەن مەنزىرە رايونىغا بېرىپ سالقىنلايدىغان شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سانى تەدرىجىي ئېشىشقا باشلىدى . يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانى ئېكولوگىيە مېھمانخانىسىنىڭ تىجارەت نازارەتچىسى خۇاڭ خې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ‹‹يازلىق ساياھەت مەزگىلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ ، مېھمانخانىمىزغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 4–، 5–ئايلاردىكىدىن %50 كۆپەيدى . بۇنىڭ ئىچىدە مۇتلەق كۆپ قىسمى يەرلىك ئىستېمال بولۇپ ، بىر قىسىم كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ يازلىق ساياھەت پائالىيەتلىرى ۋە ئۇرۇق–تۇغقان ، دوست–بۇرادەرلەرنىڭ ھەپتە ئاخىرىدىكى يىغىلىشلىرى كۆپىيىشكە باشلىدى›› .
ئىگىلىنىشىچە، مەنزىرە رايونلىرىدىكى دىھقانلار شادلىقى ۋە كۆڭۈل ئېچىش مۇئەسسەسەلىرى تولۇق بولغان مەنزىرە نۇقتىلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن . بۇنىڭدىن باشقا ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سىرتقا ساياھەتكە چىقىش شەكلى كۆپ خىل ۋە جانلىق بولۇپ ، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە چىقىش قاتارلىقلار ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىكەن .
|