باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
ئۈرۈمچى شەھىرى جىددىي ئەھۋالدىن دالدىلىندىغان سورۇنلىرى قۇرۇلۇشىنى شەھەرنىڭ ئومۇمىي پىلانىغا كىرگۈزۈشكە تىرىشماقتا
2008- 07- 23 11:57 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى

       نۆۋەتتە، كۆپ يەر تەۋرەيدىغان رايونغا جايلاشقان ئۈرۈمچى شەھىرى ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە جىددىي ئەھۋالدىن دالدىلىنىش مەيدان ، سورۇنلىرى قۇرۇلۇشى پىلانىنى شەھەر ئومۇمىي پىلانىغا كىرگۈزۈشكە كۈچەپ تىرىشماقتا . يېقىندا ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قۇرۇلۇش كومىتېتى ، پىلانلاش كۆمىتېتى ، يەر تەۋرەش ئىدارىسى ، ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى ، خەلق ھاۋا مۇداپىئە ئىشخانىسى قاتارلىق تارماقلار بىر يەرگە جەم بولۇپ ، ‹‹ ئۈرۈمچى شەھىرىدە جىددىي ئەھۋالدىن دالدىلىنىش مەيدان ، سورۇنلىرىنى سىستېمىلىق پىلانلاشنى تېزراق باشلاش›› نى مۇزاكىرە قىلدى . ئۈرۈمچى شەھەرلىك پىلانلاش ئىدارىسى 2008 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جىددىي ئەھۋالدىن دالدىلىنىش مەيدان ، سورۇنلىرى قۇرۇلۇشى پىلانىنى شەھەر ئومۇمىي پىلانىغا كىرگۈزۈشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .

     ئۈرۈمچى شەھىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يەر تەۋرەشتىكى جىددىي ئەھۋالدىن دالدىلىنىش مەيدان ، سورۇنلىرى قۇرۇلۇشىنى نوقتىدا سىناق قىلىش شەھىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، 2005 – يىلى 7 – ئايدا تەڭرىتاغ رايونى ‹‹ قۇياش نۇرى›› مەھەللىسىدە تۇنجى يەر تەۋرەشتىكى جىددىي ئەھۋالدىن دالدىنىش مەيدانى قۇردى ، ئۇنىڭدا يەر تەۋرەشتىكى جىددىي ئەھۋالدا تارقاقلاشتۇرۇش يولى تەسىس قىلىندى ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى ، سۇ ، توك بىلەن تەمىنلەش ، سەھىيە ، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق مۇئەسسەسەلەر سەپلەندى .

( مۇھەررىر : قەيـسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ