باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
ئائىلىسىدە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ، ئېغىر يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى داۋالاپ قۇتقۇزۇش پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى
2008- 07- 23 11:53 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسسىسى خەۋەرلەر تورى

       22–ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن ، شىنجاڭ خەيرىيەت باش جەمئىيىتى بىلەن لەنجۇ ھەربىي رايونى ئۈرۈمچى باش دوختۇرخانىسى بىرلىكتە تەشكىللىگەن ئائىلىسىدە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ، ئېغىر يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى داۋالاپ قۇتقۇزۇش پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى .

     لەنجۇ ھەربىي رايونى ئۈرۈمچى باش دوختۇرخانىسى بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن قۇتقۇزۇش ، داۋالاش مەبلىغى جۇغلىغان بولۇپ ، 4 ياشتىن 12 ياشقىچە بولغان ئېغىر تۇغما يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان 50 بالىنى ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىدۇ .

     كورلا شەھىرىدىن كەلگەن جاۋ رۈي بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ تۇنجى نەپكە ئېرىشكۈچىسى بولۇپ قالدى . ئۇنىڭ ئاتىسى جاۋ يەنئەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ‹‹دوختۇرخانا ئوپېراتسىيە ھەققىنى كۆتۈرۈۋەتتى ، ھازىر بالىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالى ياخشى بولۇۋاتىدۇ ›› .

     ئىگىلىنىشىچە ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشماقچى بولغانلار شىنجاڭ خەيرىيەت باش جەمئىيىتى ، لەنجۇ ھەربىي رايونى ئۈرۈمچى باش دوختۇرخانىسى بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدىكەن . ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى ئايرىم ھالدا 2862167 - 0991، 4992730- 0991، 4991774 - 0991.

    لەنجۇ ھەربىي رايونى ئۈرۈمچى باش دوختۇرخانىسى يۈرەك ، كۆكرەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جۇ جۇڭيى مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ قېتىم كۆتۈرۈۋېتىلىدىغان ھەق–ياتاق ھەققى ، ئوپېراتسىيە ھەققى ۋە دورا ھەققى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . پەقەت جايلاردىكى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ ‹‹ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار›› دېگەن ئىسپاتى بولسىلا ، بىزنىڭ سالاھىيەتنى بېكىتىشىمىزگە قولايلىق بولىدۇ . ھازىر بىز تۇنجى كېسەلنى ئوپېراتسىيە قىلىپ بولدۇق . كىسەلخانىدا يەنە ئوپېراتسىيە قىلىنىدىغانلاردىن ئىككى–ئۈچى بار››.

   شىنجاڭ خەيرىيەت باش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىبى ما لى مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ پائالىيەت نوقۇل ھالدا يۈرەكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پائالىيىتى بولۇپلا قالماي ، ئەڭ مۇھىمى ساغلام كىشىلەرنىڭ غەمخورلۇقىدا ، قىيىنچىلىقى بارلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ ، جەمئىيەتتە ئىناق كەيپىياتنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە›› .

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ