باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتى 153 مىليون يۈەندىن كۆپرەك يېقىلغۇ ماي تولۇقلىما ياردەم پۇلى تارقاتتى
2008- 07- 23 11:38 تەڭرىتاغ تورى

      22–ئىيۇلغىچە ، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتى يېزا يولۇچىلار ترانسپورتى ، شەھەرلەردىكى ئاممىۋى قاتناش ئاپتوموبىللىرى ۋە تاكسى تىجارەتچىلىرىگە 153 مىليون يۈەندىن كۆپرەك يېقىلغۇ ماي تولۇقلىما ياردەم پۇلى تارقاتتى .

     بۇ قېتىمقى تولۇقلىما ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدىغان يېزا يولۇچىلار ترانسپورت ئاپتوموبىللىرى ، شەھەرلەردىكى ئاممىۋى قاتناش ئاپتوموبىللىرى ، تاكسىلار جەمئىي 31 مىڭ 568 بولۇپ ، تارقىتىلىدىغان تولۇقلىما ياردەم پۇلى 206 مىليون يۈەنگە يەتكەن . يېزا يولۇچىلار ترانسپورت ئاپتوموبىللىرىدىن باشقا ئاپتوموبىللارغا ئاساسىي جەھەتتىن تولۇقلىما ياردەم پۇلى تارقىتىپ بولۇندى .

    ئاپتونوم رايونلۇق يول قاتنىشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى لىن خاۋ مۇنداق دېدى: ‹‹ ھازىرغىچە ، ئادەتتىكى يولۇچىلار ترانسپورتى ئاپتوموبىللىرى تىجارەتچىلىرىگە 86 مىليون 600 مىڭ يۈەن تولۇقلىما ياردەم پۇلى تارقىتىپ بولدۇق ، بۇ يېزا يولۇچىلار ترانسپورت ئاپتوموبىللىرى ئومۇمىي تولۇقلىما ياردەم مەبلىغىنىڭ%65.7 ىنى ئىگىلەيدۇ . تاكسى شوپۇرلىرىغا 64 مىليون 260 مىڭ يۈەن تولۇقلىما ياردەم پۇلى تارقىتىپ بولدۇق ، بۇ ئومۇمىي تولۇقلىما ياردەم مەبلىغىنىڭ %91 ىنى ئىگىلەيدۇ . 13 مىڭ 61 تاكسى ئىگىسى يېقىلغۇ ماي تولۇقلىما ياردەم پۇلىغا ئېرىشتى . شەھەرلەردىكى ئاممىۋى قاتناش ئاپتوموبىللىرىغا 2 مىليون 830 مىڭ يۈەن تولۇقلىما ياردەم پۇلى تارقىتىلدى . بۇ تارقىتىلغان ئومۇمىي مەبلەغنىڭ %85 ىنى ئىگىلەيدۇ . 1 مىڭ 332 ئاپتوموبىل ئىگىسى بۇ مەبلەغقە ئېرىشتى . ئۈرۈمچى شەھىرى ، قاراماي شەھىرى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق 3 رايوندا تولۇقلىما ياردەم پۇلى تارقىتىپ بولۇندى . باشقا جايلاردا تولۇقلىما ياردەم پۇلى داۋاملىق ئوڭۇشلۇق تارقىتىلىۋاتىدۇ .

    لىن خاۋ يەنە مۇنداق دېدى: ‹‹يېقىلغۇ ماي تولۇقلىما ياردەم پۇلىنى تارقىتىش دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش پەسلىگە توغرا كېلىپ قالدى ، يېزا يولۇچىلار ترانسپورتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان نۇرغۇن تىجارەتچىلەر دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن ئائىلىسىگە قايتىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ، ئۇلارغا بۇ پۇلنى ۋاقتىدا تارقىتىش مۇمكىن بولمىدى . جايلاردىكى ترانسپورت باشقۇرۇش تارماقلىرى ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنىڭ تولۇقلىما ياردەم پۇلىنى ۋاقتىدا ، تولۇق تاپشۇرۇپ ئېلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن ، ياردەم پۇل تارقىتىش ۋاقتىنى ئۇزارتتى . بىز ئاپتوموبىل تىجارەتچىلىرىنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋەردار بولۇپ ، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا تېزدىن كېلىپ ياردەم پۇلىنى ئېلىۋېلىشى ئۈچۈن ، گېزىت ، رادىئو قاتارلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرىدىن پايدىلاندۇق . بەزى ۋىلايەت ، ئوبلاستلار ئاپتوموبىل تىجارەتچىلىرىنىڭ بۇ پۇلنى ۋاقتىدا كېلىپ ئېلىۋېلىشىغا قولاي بولۇش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ۋاقىتنى ئازراق كەينىگە سۈردى ››. 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ