باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
ئۈرۈمچىدىكى ئاممىۋى ئاپتوبوس شوپۇرلىرى يولۇچىلارنىڭ سومكىسىنى تەكشۈرسە بولىدۇ
2008- 07- 23 11:00 تەڭرىتاغ تورى

      22–ئىيۇل ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش باش شىركىتىدىن ئىگىلىنىشىچە ، ئو ت م مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچى ئاممىۋى ئاپتوبوسلاردىكى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىدىكەن .

      21–ئىيۇل ، كۈنمىڭدا ئىككى قېتىم ئاممىۋى ئاپتوبۇس پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ، ئاممىۋى ئاپتوبۇسلارنىڭ بىخەتەرلىكى مۇھىم مەسىلىگە ئايلاندى . ئاممىۋى قاتناش باش شىركىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئاپتوبوسلار قاتناۋاتقان ۋاقىتتا ، شوپۇرلار ‹‹بىخەتەرلىك تەكشۈرگۈچى››دەپ يېزىلغان يەڭ بەلگىسىنى تاقاپ ، ئۆزى ھەيدەۋاتقان ئاپتوبۇسنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولىدۇ . گۇمانلىق كىشىلەرنىڭ گۇمانلىق بويۇملارنى ئاپتوبۇسقا ئېلىپ چىققىنىنى سەزسە ، شۇ يولۇچىنىڭ سومكىسىنى ئېچىپ تەكشۈرۈشكە ، تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلمىغان يولۇچىنى ماشىنىدىن چۈشۈرىۋېتىشكە ھوقۇقلۇق بولىدۇ . 

      شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئاممىۋى قاتناش باش شىركىتى يەنە بىر قىسىم باشقۇرۇش خادىملىرى ، ئارقا سەپ خادىملىرىنى ئاجرىتىپ ، ئۇلارنى ھەر قايسى يول لىنىيىلىرى ۋە بېكەتلەرگە ئەۋەتىپ ،  شوپۇرلارنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىگە پۈتۈن كۈن ماسلىشىدۇ . شوپۇرلار ماشىنىنى ھەيدەپ يولغا چىققاندا ۋە ئاخىرقى بېكەتكە كەلگەندە چوقۇم ئاپتوبۇسنى تەپسىلىي تەكشۈرۈشى يەنى گۇمانلىق بۇيۇم بار–يوقلۇقىغا دىققەت قىلىشى كېرەك . ئەگەر گۇمانلىق بويۇملار بايقالسا ۋاقتىدا دوكلات قىلىش كېرەك .       

 

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ