|
غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 2–لىنىيە قۇرۇلۇشىنىڭ قورغاس تۇنجى پونكىتىدا 20–ئىيۇل ئىش باشلىنىپ ، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 2–لىنىيە قۇرۇلۇشىدىكى پونكىت مەيدان قۇرۇلۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى رەسمىي باشلاندى .
غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 2–لىنىيە قۇرۇلۇشى غەربتە قورغاس چېگرا ئېغىزىدىن باشلىنىپ ، جەنۇبتا گۇاڭجۇ ، شىياڭگاڭ ، شەرقتە شاڭخەيگە تۇتىشىدۇ . ئۇ 14 ئۆلكە ، شەھەر ، ئاپتونوم رايوننى كېسىپ ئۆتىدۇ . ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 9 مىڭ 100 كىلومېتىر كېلىدۇ . يىللىق گاز يەتكۈزۈش مىقدارى 30 مىليارد كۇب مېتىر كېلىدۇ . بۇ قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈشى ئېلىمىزنىڭ ئېنېرگىيە ئىستېمال قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش ، تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش جىددىي بولۇشتەك ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ، تەبىئىي گاز تۇرۇبا تورىنىڭ ئايلىنىش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە تېخنىكا قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش سەۋىيىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە .
ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گاۋ سۈيشيا قۇرۇلۇشنىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى:‹‹ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تۈرلۈك مۇلازىمەتلەرنى بارلىق كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەپ ، قۇرۇلۇشنى داۋاملاشتۇرۇشنى ياخشى مۇھىت بىلەن تەمىن ئېتىدۇ . ئوبلاستىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلار دۆلەت ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ ، قۇرۇلۇشنى ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم پۇرسەت دەپ بىلىپ ، تەشكىللەش ، ماسلاشتۇرۇشنى ھەقىقىي تۈردە كۈچەيتىدۇ ، ئاكتىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن پۈتكۈل قۇرۇلۇش جەريانىنى ياخشى ئىشلەپ ، ئومۇمىي جەھەتتىن مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ ، ئەتراپلىق ماسلىشىپ ، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ، ماس ھالدا ھەل قىلىپ ، قۇرۇلۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ›› .
|