|
ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا كەم ئۇچرايدىغان قاننى تەقدىم قىلىشقا پائال تىزىملاتتى.
بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە قانغا بولغان ئېھتىياجغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، ئۈرۈمچى شەھىرى يېقىندا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا RH مەنپىي قان تەييارلاشقا كاپالەتلىك قىلىش پائالىيىتىنى باشلىدى . تۈنۈگۈن (21–ئىيۇل)چۈشتىن بۇرۇن ، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك قان مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە ، ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرى بەس – بەستە قان تەقدىم قىلىشقا تىزىملاتقان ، قىسقىغىنە بىر نەچچە كۈندە 100 دىن كۆپرەك پىدائىي كەم ئۇچرايدىغان قان تىپى بويىچە قان تەقدىم قىلىشقا تىزىملاتقان بولۇپ ، قان يىغىش ۋەزىپىسى ئاخىرلىشاي دەپ قالغان . ئۈرۈمچى شەھەرلىك قان مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ بولىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى : ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا 30 مىڭ مىللىلېتىر قان تەييارلايمىز ، ھەر بىر ئادەم 200 مىللىلېتىردىن قان تەقدىم قىلىش ئۆلچىمى بويىچە ھېسابلىساق ، 150 ئادەم قان تەقدىم قىلسا بۇ نىشانغا يېتەلەيمىز .
RH مەنپىي قېنى — كەم ئۇچرايدىغان قان تىپىغا كىرىدۇ ، شۇنداقلا ‹‹مۈشۈك ئېيىق قېنى›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۇيغۇرلاردا RH مەنپىي قېنى بولۇش نىسبىتى باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا 10 ھەسسە يۇقىرى بولغاچقا ، ئاپتونوم رايونىمىز بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە قانغا كاپالەتلىك قىلىشقا ياردەم بېرىدىن ئۆلكە ، ئاپتونوم رايون قىلىپ بېكىتىلدى .
ۋاڭ بولىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى : ئۈرۈمچى شەھەرلىك قان مەركىزى 7 ئورۇندا قان ئېلىش نوقتىسى تەسىس قىلدى ، ئۇلار شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قان تىپىنى ھەقسىز تەكشۈرىدۇ ، قان تەقدىم قىلىش تىبابەت ئىلمىدىن قارىغاندا ، 200 مىللىلېتىر قان بەدەنگە ھىچقانچە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ ، ئۆزىنىڭ قېنىنىڭ RH مەنپىي قان تىپىغا كىرىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان پىدائىيلار قان ئېلىش پونكىتىمىزغا كەلسە ، بىز RH مەنپىي قان تىپىغا كىرىدىغان – كىرمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىمىز ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، بارلىق شەھەر ئاھالىلىرىنى بۇ قېتىمقى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قان تەييارلاش پائالىيىتىگە پائال قاتنىشىشقا چاقىرىمىز .
|