|
ئىلى پولات – تۆمۈر چەكلىك شىركىتىنىڭ 1 مىليون 500 مىڭ توننا پولات ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تېخنىكا ئۆزگەرتىش تۈرى ۋە ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشتۈرۈش تۈرىنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى.
بۇ قۇرۇلۇشقا 1 مىليارد 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئىلى پولات – تۆمۈر سانائىتىنىڭ كۆلىمى كىچىك بولۇش، مۇھىت ئاسراش ئىقتىدارى ناچار بولۇش ۋەزىيىتى ياخشىلىنىپ، پولات – تۆمۈر كەسپىنىڭ زامانىۋىلىشىش قەدىمى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئىلى پولات – تۆمۈر شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى خۇ خۇي: يىل ئاخىرىغىچە 700 مىڭ توننا پولات ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ھازىرلايمىز، پولات تاۋلاش تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىش تۈرىدە كېلەر يىلى 3 – ئايدا ئىش باشلايمىز، ئومۇمىي قۇرۇلۇش 2010 – يىلى 6 – ئايدا تاماملىنىدۇ. قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 5 مىليارد يۈەنگە، ساپ پايدا 1 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ، دېدى.
|