|
كىشىلەردىكى ئېغىرراق كېسەل بولسا دوختۇرخانىغا بېرىش، يېنىكرەك كېسەل بولسا دورا دۇكىنىغا بېرىش ئىدىيىسىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دورا دۇكانلىرى ئون يىل ئىچىدە ئەسلىدىكى 200 دىن بىراقلا 1000 دىن كۆپرەككە يەتتى. يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك ۋە دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى ‹‹دورا پارچە سېتىش كارخانىسى ئېچىشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى يولغا قويۇش چارىسى›› نى چىقىرىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە دورا دۇكىنى ئېچىشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا يېڭى تەلەپلەرنى قويۇپ، بازار ئىجازىتىنىڭ شەرتىنى ئۆستۈردى.
يېڭى بەلگىلىمە بويىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە دورا پارچە سېتىش دۇكىنى ئاچماقچى بولسا، مەسئۇلى دورىگەرلىك ياكى ئالاقىدار كەسىپتە ئالىي تېخنىكومدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇشى، دۆلەتنىڭ دورا باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن، بەلگىلىمىلىرى ھەرىكەت مىزانىنى پىششىق بىلىشى كېرەك. ئۇ دورا دۇكىنىنىڭ تىجارىتى ۋە دورا سۈپىتى جەھەتتە قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ. بەلگىلىمىدە يەنە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دورىنى پارچە سېتىش دۇكانلىرى تىجارەت سورۇنىنىڭ كۆلىمىگە قاراپ، بىردىن ئىككىگىچە پراۋىزور ياكى مەسئۇل تېخنىك پراۋىزورنى كەسپىي تېخنىكا خادىملىققا سەپلىشى، ئۇلار شۇ ئورۇندا خىزمەت قىلىشى، باشقا ئورۇندا قوشۇمچە خىزمەت قىلماسلىقى كېرەك.
يېڭى بەلگىلىمىدە دورا دۇكانلىرىنىڭ كۆلىمىگىمۇ تۆۋەندىكىدەك قاتتىق تەلەپ قويۇلدى: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەركىزىي شەھەر رايونى (شەرقتە تاشقى ئايلانما يولىدىن جەنۇبتا ئىتتىپاق يولى، چيەنتاڭجياڭ يولىغىچە، غەربتە ئالتاي يولى، ‹‹باۋشەن›› يولىدىن شىمالدا تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى يولىغىچە بولغان دائىرە) دىكى دورا پارچە سېتىش دۇكانلىرىنىڭ تىجارەت سورۇنى 60 كۋادرات مېتىردىن ئاز بولماسلىقى؛ مەركىزىي رايوندا بولمىغان دورا پارچە سېتىش دۇكانلىرىنىڭ تىجارەت سورۇنى 50 كۋادرات مېتىردىن ئاز بولماسلىقى كېرەك.
يېڭى بەلگىلىمىدە يەنە يېڭىدىن ئېچىلغان دورا دۇكانلىرىغا كومپيۇتېردا ئۇچۇرلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش قاتتىق ماتېرىيالى ۋە يۇمشاق ماتېرىيال سىستېمىسىنى سەپلەش، دورا كىرگۈزۈش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، ساقلاش، ئاسراش، سېتىش ۋە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت قاتارلىق تىجارەت ھەرىكىتى ۋە ‹‹دورا تىجارىتى سۈپىتىنى باشقۇرۇش ئۆلچىمى›› جەھەتتىكى ئۇچۇرلارنى ئومۇميۈزلۈك خاتىرىلەش ۋە باشقۇرۇش؛ زەنجىرسىمان دورا پارچە سېتىش دۇكانلىرىنىڭ تارماق دۇكانلىرى بىلەن باش دۇكان ئارىسىدا ئۇچۇر ئالاقىسى ئورنىتىپ، باش دۇكان تارماق دۇكانلارنىڭ دورا تىجارىتى ۋە سۈپەت باشقۇرۇش ئەھۋالىنى ھەرىكەتچان نازارەت قىلىشى تەلەپ قىلىندى.
|