باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
ئۈرۈمچى شەھىرىدە مېيىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى%88كە يەتكۈزۈلىدۇ
2008- 07- 22 10:31 شىنجاڭ گېزىتى

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، كەلگۈسى بەش يىلدا ،ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مېيىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى %88كە، شەھەر – يېزىلاردىكى مېيىپلەرنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتىنى %95كە يەتكۈزۈش پىلانلانغان.

   ئىگىلىنىشىچە، ئۆتكەن بەش يىلدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسى كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشكەن5133 كىشىگە قايتا يورۇقلۇق ئاتا قىلغان، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى ئېغىر 400دىن ئارتۇق ئاغرىقنى ھەقسىز داۋالاتقان، 1973مېيىپنى سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان.  4347 مېيىپنى كەسپىي تېخنىكا بويىچە تەربىيىلىگەن، 2510 مېيىپنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.

   تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە 106مىڭ700 مېيىپ بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسى  2010 – يىلغىچە ‹‹ھەممە مېيىپنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇش›› نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مېيىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىللە، مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى ۋە مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرىدىكەن.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ