|
6 – ئاينىڭ 18 – كۈنى 5 – تۈركۈمدىكى شاڭخەيلىك مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىللەنگەن ‹‹ياشانغانلار ھەرىكىتى››پىدائىيلىرى بورتالا ئوبلاستىغا كېلىپ، ‹‹ياشانغانلار ھەرىكىتى›› پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى باشلىدى.
شاڭخەي شەھىرى 2004 – يىلى بورتالا ئوبلاستىغا ياشانغان مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىللەنگەن پىدائىيلارنى ئەۋەتىپ، ‹‹ياشانغانلار ھەرىكىتى››پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ بەش تۈركۈمدە 33 شاڭخەيلىك مۇتەخەسسىس بورتالاغا كېلىپ، تولۇپ – تاشقان قىزغىنلىق، خالىس تۆھپە قوشۇش روھى بىلەن بۇ ئوبلاستنىڭ تېببىي داۋالاش، مائارىپ، تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تېخنىكا ۋە باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇپ، شاڭخەيلىكلەر بىلەن بورتالالىقلارنىڭ دوستلۇق، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
|