|
پەيزاۋات ناھىيىلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دوختۇر – سېسترالارنىڭ كەسپىي سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، دوختۇرخانىنىڭ داۋالىنىش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئاغرىقلارنى خاتىرجەم داۋالىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
بۇ دوختۇرخانا بۇلتۇردىن بۇيان، بىر قىسىم دوختۇر – سېسترانى ئۈرۈمچى، خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلارغا بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتتى. 700 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئىلغار تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋالدى. يۇقىرىنىڭ 3 مىليون 80 مىڭ يۈەن تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، 2300 كۋادىرات مېتىر كۆلەمدە ئامبۇلاتورىيە ۋە بالنېست بىناسى سالدۇردى. قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، قەرەللىك ھالدا مۇتەخەسسىس تەكلىپ قىلىپ، تېببىي خادىملارنىڭ كەسپىي سەۋىيىسىنى ئۆستۈردى، دوختۇر – سېسترالار بىلەن ئاغرىقلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاپ، ئاغرىقلارنى ئوبدان رازى قىلدى. مەخسۇس كارىۋات تەسىس قىلىپ، ئائىلە قىيىنچىلىقى ئېغىر ۋە ‹‹بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان›› ئائىلىلەردىكى ئاغرىقلارنى خاتىرجەم داۋالىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، 100 دىن ئارتۇق نامرات ئاغرىقنىڭ 13 مىڭ 110 يۈەن داۋالىنىش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئۇلارغا ھەقسىز دورا تارقىتىپ بەردى.
|