باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
ئۈرۈمچى شەھىرىدە ساختا تالون ياساپ ساتقان ئون جىنايەت شايكىسى بىتچىت قىلىندى
2008- 07- 22 10:04 شىنجاڭ گېزىتى

    بۇ يىل 5 –  ئاينىڭ 1 –  كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ج خ ، دۆلەت باج، يەرلىك باج  تارماقلىرى بىرلىشىپ،  ساختا تالون ياساپ سېتىش ۋە قانۇنسىز ۋاكالىتەن تالون كېسىپ بېرىش قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىش  مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، ئون جىنايەت شايكىسى، سەككىز قارا ئۇۋىنى بىتچىت قىلدى. ھەر خىل يوللار بىلەن قانۇنسىز  بېسىلغان 7000دىن كۆپرەك ساختا دۆلەت ۋە يەرلىك باج تالونى ۋە تالون قوشۇمچە ھۆججىتىنى قولغا چۈشۈردى.

   يىل  بېشىدا ج خ مىنىستىرلىكى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى مەملىكەت بويىچە ساختا تالون ياساپ سېتىش ۋە قانۇنسىز ۋاكالىتەن تالون كېسىپ بېرىش ھەرىكىتىگە زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغانىدى. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە،  ئۈچ قېتىم كەڭ كۆلەملىك تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، ساختا تالون ياساپ ساتقان 33 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈردى. قانۇنسىز ۋاكالىتەن تالون كېسىپ بەرگەن ۋە بەلگىلىمە بويىچە تالون ئالمىغان  كارخانىدىن 47نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، بۇ كارخانىلارغا 3 مىليون 290 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويدى. يەنە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، مەمۇرىي ۋە كەسپىي ئورۇنلار ۋە كارخانىلارنىڭ  مالىيە  مەخسۇس تامغىسى نۇسخىسىدا ياسىغان189 تامغىنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈردى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ