باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
شىنجاڭ تەڭرىتاغ ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسى يازلىق لاگېر پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى
2008- 07- 22 09:26 تەڭرىتاغ تورى

      18–ئىيۇل ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسى ‹‹ئاجايىپ ھايۋاناتلار ئائىلىسىدىكى يازلىق تەتىللىك تۇرمۇش›› نامىدا لاگېر پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى . 6 ياشتىن 12 ياشقىچە بولغان 17 نەپەر ئۆسمۈر لاگېرغا قاتناشتى . بالىلار بۇ باغچىدا خىلمۇ–خىل قۇشلارنىڭ ماھارىتىدىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىرگە ، بېگېموت ، پىنگۋىن ، پىل قاتارلىق ھايۋاناتلارنى يېقىندىن كۆردى . يېتەكچى ئوقۇتقۇچى بالىلارنى تۈرلۈك قىزىقارلىق ئويۇنلارنى ئويناشقا ئۇيۇشتۇردى . لاگېردىكى بالىلار يەنە تاغقا يامىشىش قاتارلىق بەدەن قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى .  

             

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ