باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
ئاپتونوم رايونىمىزدىن 69 نەپەر ئوقۇغۇچى چىڭخۇا ، بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتلىرىغا قوبۇل قىلىندى
2008- 07- 21 15:35 تەڭرىتاغ تورى

      شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ 2008 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئىككىنچى تۈركۈمدە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 19 – ئىيۇل باشلانغان بولۇپ ، ئىككىنچى تۈركۈمگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 24 – ئىيۇل ئاخىرلىشىدىكەن .

       ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خەن چۇنشىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، بىرىنچى تۈركۈمگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 16 – ئىيۇل ئاخىرلاشقان بولۇپ ، بىرىنچى تۈركۈمگە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 16 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان .

       بۇ يىل چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئاپتونوم رايونىمىزدىن قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچى سانىنى پىلاندىكىدىن كۆپەيتىپ ، رايونىمىزدىن جەمئىي 69 نەپەر ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلغان . بۇنىڭ ئىچىدە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ – مەدەنىيەت تۈرىگە 6 نەپەر ، تەبىئىي پەن تۈرلىرىگە 28 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان ؛ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەدەنىيەت – تارىخ تۈرىگە 14 نەپەر ، تەبىئىي پەن تۈرىگە 21 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان .

 

 

 

 

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ