باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
بىر يۈرۈش ئىقتىسادىي ئۇچۇرلار
2008- 07- 21 12:54 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسسىسى خەۋەرلەر تورى

    ● شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى باھاسىنى سىستېمىلىق تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا ، مۇشۇ ئاينىڭ 19–كۈنى ، تەييار ئاشلىق ، ياغ ، تۇخۇم ، سۈت ، سۇ مەھسۇلاتلىرى باھاسى مۇقىم بولغان . 6–ئايدىن بۇيان ، قوينىڭ ئارقا سان گۆشىنىڭ باھاسى مەملىكەت بويىچە بىردەك مۇقىم بولغان . ئاپتونوم رايونىمىزدا بولسا قوينىڭ ئارقا سان گۆشىنىڭ باھاسى ئىزچىل تۆۋەنلىگەن .

    ● يېقىندا ئېچىلغان ئۈچىنچى نۆۋەتلىك قار لەيلىسى مۇھاكىمە مۇنبىرىدىن ئىگىلىنىشىچە ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئورمانچىلىق ئورۇنلىرى ياۋا قار لەيلىسى بايلىق مەنبەسىنى قوغداش ئۈچۈن ، بۇنىڭدىن كېيىن قار لەيلىسىنى سۈنئى يېتىشتۈرۈش بازىسى بولمىغان قار لەيلىسى مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش كارخانىلىرىغا ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى تارقىتىپ بەرمەيدىكەن .

    ● ئىگىلىنىشىچە ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ، مەملىكەت بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئاشۇرۇلما قىممەت بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن %16.3 ئاشقان ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن بولسا 2.2 پوئىنت تۆۋەن بولغان.

    ● مۇشۇ ئاينىڭ 18–كۈنىگە قەدەر ، شاڭخەي ، شېنجىن پاي بازىرىنىڭ ئوبوروت قىممىتى 6 تىرىليون 173 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولۇپ ، ئۆتكەن ھەپتىدىكىدىن %3.49 ئازايغان . ئوخشاش مەزگىلدە شاڭخەي ، شېنجىن ئىككى بازارنىڭ بازار قىممىتى 18 مىليارد 176 مىليارد 400 مىليون يۈەندە مەلۇم قىلىنىپ ، بىر ھەپتىدە %2.95 ئازايغان .

    ● مەبلەغ سالغۇچىلار پايدا قايتۇرغانلىقتىن ، مۇشۇ ئاينىڭ 18–كۈنى نيۇ يورك تاۋار بېرژىسىدا 8–ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر ئۇنسىيە سېرىق ئالتۇننىڭ زاكاز باھاسى ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن 12.7 ئامېرىكا دوللىرى تۆۋەنلەپ، بازار 958 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلىپ ، تۆۋەنلەش دەرىجىسى %1.3بولدى. 9–ئايدا ، مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر ئۇنسىيە كۈمۈشنىڭ زاكاز باھاسى ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن 53.5 سنت تۆۋەنلەپ ، بازار 18.2 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا ؛ 10–ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر ئۇنسىيە ئاق ئالتۇننىڭ زاكاز باھاسى 45.1 ئامېرىكا دوللىرى تۆۋەنلەپ ، بازار 1 مىڭ 855.3 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى .

     ● دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى مۇشۇ ئاينىڭ 18–كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ، مەملىكىتىمىزدە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئاشۇرۇلما قىممىتى %16.3 ئېشىپ ، ئېشىش سۈرئىتى 5 - ئايدىكى بىلەن تەڭلەشكەن . بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 2.2 پوئىنت ئاستىلىغان . ئوخشاش مەزگىلدە ، دۆلىتىمىزدىكى كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش نىسبىتى %97.72 بولۇپ ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 0.23 پوئىنت يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ؛ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئېكسپورتتا تاپشۇرۇلغان مالنىڭ قىممىتى 3 تىرىليون 833 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن %17 ئاشقان .

    ● جۇڭگو نېفىت خېمىيە سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى مۇشۇ ئاينىڭ 18–كۈنى ئېلان قىلغان ئىشلەپچىقىرىش ، تىجارەت سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا جۇڭگو نېفىت–خىمىيە سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان خام نېفىت 147 مىليون تۇڭ بولۇپ ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن %43.2 ئاشقان .

    ● جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى مۇشۇ ئاينىڭ 18–كۈنى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ ، فوند سېتىش پائالىيىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ، فوند سېتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ سېتىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ، پات ئارىدا فوند سېتىش ئاپپاراتلىرىنى نەق مەيداندا تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى .

    ● سودا مىنىستىرى ياردەمچىسى فاڭ ئەيچىن مۇشۇ ئاينىڭ 18–كۈنىدىكى ‹‹ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋېلىش ، ساقلىق ساقلاش››تەشۋىقات پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سودا مىنىستىرلىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن ئىلگىرى مەملىكەت بويىچە ، بولۇپمۇ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىدىغان شەھەرلەرنىڭ توپ ، پارچە سېتىش ، يېمەك - ئىچمەك ، ساقلاش ، توشۇش ۋە ئاھالىلار مۇلازىمىتى قاتارلىق ئوبوروت كارخانىلىرىغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى يېمەكلىكلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ