باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
ئۈچتۇرپان ناھىيىسى تاغلىق رايونلاردىكى چارۋىچىلارغا بىخەتەر ھەرىكەتچان ياغاچ ئۆي ياساپ بەرمەكتە
2008- 07- 21 12:46 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسسىسى خەۋەرلەر تورى

      كۆپ يەر تەۋرەيدىغان ئۈچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ تاغلىق رايونلىرىدىكى چارۋىچىلار بۇنىڭدىن كېيىن تۈزلەڭ رايوندىكى دېھقانلارغا ئوخشاش يەر تەۋرەشكە چىداملىق بىخەتەر ئۆيلەردە خاتىرجەم ئولتۇرالايدىغان بولدى . ئوخشىمىغان يېرى بۇ ئۆيلەر ياغاچتىن قۇراشتۇرۇلغان ، ئىسسىقلىق ساقلىيالايدىغان ھەرىكەتچان ئۆي بولۇپ ، ھەممە چىقىمىنى ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئالغان .

     ئۈچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ تاغلىق رايونلىرىدىكى قىرغىزلارنى ئاساس قىلغان چارۋىچىلار يول ، سۇ ، توك راۋان بولمىغان چەت–ياقا جايلاردا تارقاق ئولتۇراقلاشقان بولۇپ ، ئۇلارغا خىش ، بېتون ، ياغاچ قۇرۇلمىلىق يەر تەۋرەشكە چىداملىق بىخەتەر ئۆي سېلىپ بەرگەندە قۇرۇلۇش تەننەرخى نەچچە ھەسسە ئۆرلەپ كېتەتتى . شۇڭا ناھىيە رەھبەرلىرى تەكرار ئىزدىنىش ، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئۇلارغا ھەرىكەتچان ياغاچ ئۆي ياساپ بېرىش لايىھىسىنى تۈزۈپ ، بۇ يىل 30 ئائىلىلىك چارۋىچىنى بۇ خىل يېڭى ئۆيگە كۆچۈرۈشنى پىلانلىغان . ھەر بىر يۈرۈش ئۆينىڭ كۆلىمى 60 كۋادىرات مېتر چوڭلۇقىدا پىلانلىنىپ ، جەمئىي 1 مىليون يۈەن مەبلەغ ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن . بۇنىڭ %70 ى يەر تەۋرەشكە چىداملىق بىخەتەر ئۆي مەخسۇس مەبلىغىدىن ، %30 ى ناھىيە مالىيىسىدىن ئاجرىتىلغان . ھەر بىر يۈرۈش ئۆينىڭ ئەتراپىغا قۇدۇق قېزىلىپ ، ئادەم ۋە چارۋىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ مەسىلىسى بىرلا ۋاقىتتا ھەل قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلغان .

      نۆۋەتتە ، ئۈچتۇرپان ناھىيىسىدە 30 ئائىلىلىك چارۋىچىغا بىخەتەر ھەرىكەتچان ياغاچ ئۆي ياساپ بېرىش قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن.

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ