باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
مائارىپ مىنىستىرلىكى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 2000 ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنى تەربىيلەپ بېرىدۇ
2008- 07- 21 12:22 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

    ‹‹مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ 2008 – يىللىق شىنجاڭ ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىكى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش پىلانى›› 7–ئاينىڭ 18–كۈنى يولغا قويۇلدى. بۇ پىلان بويىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 2 مىڭدىن كۆپرەك غوللۇق ئوقۇتقۇچىسى 10 كۈن تەربىيىلىدۇ. 

      مائارىپ مىنىستىرلىكى مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئاجراتقان بۇ قېتىقى تەربىيىلەش ۋەزىپىسىنى جېجياڭ ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى ھاۋالە بىلەن ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، جېجياڭ ئۆلكىسى 50 مۇتەخەسسىستىن تەربىيىلەش قوشۇنى تەشكىللىدى، ئۇلار مەركەزلىك تەربىيىلەش بىلەن نۇر دىسكىسى، توردا تەربىيىلەش ئورگانىك بىرلەشكەن شەكىلنى قوللىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ۋە بىڭتۈەندىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنى 9 پەن بويىچە تەربىيىلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، 20 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ئەلا سۈپەتلىك ئوقۇتۇش ئوپتىك دىسكىسى، ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقى 240G نى ھەدىيە قىلىدۇ.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ