باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
‹‹بوئىئېڭ777››بەلگىلىك تۆت ئايروپىلان ساياھەتنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە شىنجاڭغا كەلدى
2008- 07- 21 12:15 شىنجاڭ گېزىتى

   ئىيۇل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ئاساسلىق ئاۋىئاتسىيە شىركىتى –– جەنۇب ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسى دەل ۋاقتىدا ‹‹بوئىئېڭ 777›› بەلگىلىك تۆت ئايروپىلاننى يۆتكەپ، ساياھەت قىزىق لىنىيىسى ۋە ئو ت م ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسىنىڭ ترانسپورت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭ ساياھىتىنىڭ ئالدىراش مەزگىلىنىڭ  كېلىشىنى كۈتۈۋالدى.

   جەنۇب ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسى يەر يۈزى مۇلازىمەت كاپالەت بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچىسى مۇنداق دېدى: ‹‹بېيجىڭ ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسىنى مىسالغا ئالساق، ئىلگىرىكى ‹‹بوئىئېڭ 757›› بىلەن ‹‹بوئىئېڭ 737››نى ‹‹بوئىئېڭ 777››گە ئالماشتۇرۇلغاندىن كېيىن، تىنچ ھالەتتە ئورۇن بىلەن تەمىنلەش مىقدارى %47 – %67كە ئاشتى، بېيجىڭ ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسىدە ئۇچۇش باشلانغان تۇنجى كۈنىدە ئايروپورتتىن چىققان يولۇچىلار %60تىن، ئايروپورتقا كىرگەن يولۇچىلار %75تىن ئاشتى، يەككە مۇساپىلىك مال، يۈك – تاق، پوچتا يوللانمىسى 17 توننىغا يېتىپ، بۇرۇنقىدىن بىر ھەسسىدەك ئاشتى. شاڭخەي، گۇاڭجۇ ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسىنىڭ يولۇچىلار، مال، يۈك – تاق ئوبوروتى تۈز سىزىقلىق نىسبەت بويىچە ئاشتى››.

   جەنۇب ئاۋىئاتسىيە شىركىتى شىنجاڭ شۆبىسىدىكى تىجارەتكە مەسئۇل خادىم مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ <بوئىئېڭ 777 > بەلگىلىك ئايروپىلاننىڭ شىنجاڭ ساياھىتى ئالدىراش مەزگىلىدە 6 – قېتىم شىنجاڭغا كىرىپ تىجارەت قىلىشى، بۇ ترانسپورت كۈچى ۋە تىجارەتنىڭ جانلىقلىقىنى، رىقابەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، ‹‹بوئىئېڭ 777›› بەلگىلىك ئايروپىلاننىڭ تىنچ، ئازادە يولۇچىلار بۆلۈمچىسى يولۇچىلارنى راھەت مۇھىت بىلەن تەمىنلەيدۇ››.
   ئىگىلىنىشىچە، جەنۇب ئاۋىئاتسىيە شىركىتى شىمالىي جۇڭگو شۆبىسىنىڭ ‹‹بوشلۇقتىكى ئايروبۇس 319›› بەلگىلىك ئايروپىلانىمۇ 1 – ئىيۇلدىن 25 – ئۆكتەبىرگىچە شىنجاڭغا كېلىپ، ئۈرۈمچى – كۆكخوت – شېنياڭ، ئۈرۈمچى – لەنجۇ – شېنياڭ، ئۈرۈمچى – يىنچۈەن – شېنياڭ قاتارلىق ئۈچ ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسىدە ئۇچىدىكەن، ‹‹بوشلۇقتىكى ئايروبۇس 319›› بەلگىلىك ئايروپىلان قوشۇلغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىن ھەر كۈنى شېنياڭغا ئايروپىلان ئۇچىدىكەن.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ