باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
شاڭخەي ‹‹شېڭخۇا›› گۇرۇھى شىنجاڭ كابېل كارخانىسىنى مەبلەغ سېلىپ قايتىدىن تەشكىللىمەكچى
2008- 07- 21 12:14 شىنجاڭ گېزىتى

   مۇخبىرنىڭ 16 – ئىيۇل شاڭخەي ‹‹شېڭخۇا›› گۇرۇھى (شىنجاڭ) تەرەققىيات گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، ئېلىمىزدىكى ئېلېكتر سىمى كابېل ساھەسىدىكى باشلامچى بولغان شاڭخەي ‹‹شېڭخۇا›› كابېل گۇرۇھى غەربىي شىمالغا يۈزلىنىپ، شىنجاڭنىڭ كابېل كارخانىسىنى مەبلەغ سېلىپ قايتىدىن تەشكىللەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى قىممەتكە ئايلاندۇرۇش ۋە ئېچىۋېتىش – قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىدىكەن.
   شاڭخەي ‹‹شېڭخۇا›› گۇرۇھى ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ كابېل ياساش كارخانىسى بولۇپ، 2007 – يىلى بۇ گۇرۇھنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 7 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ گۇرۇھ ئىشلەپ چىقارغان ‹‹شىنشىن›› ماركىلىق سۈركىلىشكە، يۇقىرى – تۆۋەن تېمپىراتۇرغا چىداملىق رېزىنكە قاپلىق كابېل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نېفىت، كان، ئېلېكتر كۈچى سىستېمىسىدا كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىپ، يىللىق سېتىلىش سوممىسى 130 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

   بۇ گۇرۇھنىڭ باش مۇدىرى قوشۇمچە لېدىرى جاڭ شېڭفېي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا يولغا قويۇلغان بايلىق ئەۋزەللىكىنى قىممەتكە ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيىسى ئېلىپ كېلىدىغان چوڭ ئېچىۋېتىش، تەرەققىيات – ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كارخانىلار تەستە ئېرىشىدىغان تەرەققىيات پۇرسىتى. شاڭخەي ‹‹شېڭخۇا›› گۇرۇھى بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، شارائىت پىششىپ يېتىلگەندە شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىپ كابېل كارخانىسىنى قايتىدىن تەشكىللەپ، ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇپ، ئەسلىدىكى ‹‹ئىشلەپ چىقىرىپ ئۆز جايىدا سېتىش››نى ‹‹سېتىش ئورنىدا ئىشلەپچىقىرىش››قا ئايلاندۇرۇپ، شاڭخەينىڭ تېخنىكىسى، داڭلىق ماركىسى ۋە ئۇچۇر ئەۋزەللىكىنى شىنجاڭدا تولۇق ئىشلىتىپ، شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خېرىدارلارنى ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭ ئىقتىسادى بىلەن جەمئىيىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ